10-ئاينىڭ 13 - كۈنى شىمالىي كاۋكازىيىدىكى چېچىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان تۈركىي خەلقلەردىن بالقارلارنىڭ قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى نالچىك شەھىرىدە قوراللىق پىدائىيلار بىلەن ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتىن كۆپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. گەرچە بۇ ۋەقە باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە رايونىدىكى مەسىلىنىڭ كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقى، ئۇ جايدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدىيىلىرىنىڭمۇ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بىراق، رۇسىيە دائىرىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارنى يەنىلا تېررورچىلار دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشى
10-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي كاۋكازىيىدىكى قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى نالچىك شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق قوراللىق كىشى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى، ساقچى ئورگىنى ۋە ئايرودروم قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا ھۇجۇم قوزغىغان. رۇسىيە ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىدا ھۇجۇمچىلارنىڭ سانىنىڭ 300 گە يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. رۇسىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى تانكا-برونىۋىك قاتارلىق ئېغىر قوراللارنى ئىشلىتىپ، كۆپلىگەن ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە ساقچى قوشۇنلىرى ئىشقا سېلىش نەتىجىسىدە قوزغىلاڭنى باستۇرغان. بۇ ۋەقە قوشنا چېچىنىيىدىن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە يېقىنقى يىللار ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن www.newsru.com دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا رۇسىيە ھۆكۈمىتى قوراللىق ھۇجۇم پىلانىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر جايغا ئالدىن-ئالا ھەربىي قوشۇن ۋە ھەربىي تېخنىكىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇداپىئەلەنگەن . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى ئاسانغا چۈشمەسلىكى، بەلكى قوراللىق پىدائىيلارنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىش ئېھتىماللىقى زور ئىكەن.
رۇسىيە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ۋە قارشى ئىنكاسلار
نالچىك شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم رۇسىيە تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى توقۇنۇش جەريانىدا 35 نەپەر ھۆكۈمەت ساقچى خادىمى،92 نەپەر قوراللىق ھۇجۇمچى ۋە 12 نەپەر تىنچ پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ خەۋەر ئىشلىرى كاتىپى ئۆلتۈرۈلگەن تىنچ پۇقرانىڭ 9 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە خەۋەر ئىنتېرنېت سەھىپىسى www.newsru.com دىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ساقچى ۋە قوراللىق كۈچلىرىگە ۋەقە جەريانىدا قورال كۆتەرگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئېتىشنى بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بەرگەن. 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرگە قارىغاندا نالچىك شەھىرىدە ۋەقە جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار رۇسىيە ساقچى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىگۇناھ ياشلارنى ھېچ سۈرۈشتۈرمەستىن، تېررورچىلار دەپ ھېسابلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىگە نارازى بولغان. www.newsru.com دىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، رۇسىيە دائىرىلىرى يېنىدا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بولمىغان ھەر قانداق ئادەمنى تېررورچى دەپ قاراپ، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش نىشانى قىلغان. ئېنىقلىنىشلارغا ئاساسلانغاندا ۋەقە جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى تەخمىنەن 18ياشتىن 30 ياشقىچە ئىكەن. مەزكۇر پىدائىيلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمى گەرچە ياخشى پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قوراللىق ياشلار ياخشى ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن تەرتىپسىز ۋە تاكتىكىسىز ھالدا ئۇرۇشقان. رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى يەرلىك ساقچىلار ئارقىلىق تونۇپ، سالاھىيىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يەرلىك ياشلار بولۇپمۇ، قاباردىنلار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە بۇ جەسەتلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە قارار قىلغان. بۇ ئەھۋال يەرلىك پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى قوزغاشتىكى يەنە بىر ئامىلغا ئايلانغان ئىكەن.
چېچەنلەر ۋەقەنى زىممىسىگە ئالدى
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى ۋە ئېنگىلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا موسكۋاغا بېقىنمايدىغان چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دەپ قارىلىنىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شامىل باسايېۋ بايانات ئېلان قىلىپ، نالچىك شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى خەلققە نىسبەتەن ئاممىۋى قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى ۋە تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ قوراللىق ھۇجۇم جەريانىدا 41 نەپەر پىدائىي ۋە 140 نەپەر رۇسىيە ساقچى ۋە ھەربىي خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، رۇسىيە ھۆكۈمىتى شامىل باسايېۋنى كۆپ قېتىم ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىپ ئۇچۇر تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تاكى ھازىرغىچە ئۆز ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق گېزىتلىرىدىن بىرى " خەۋەرلەر"دە نالچىكتىكى قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاباردىن –بالقار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن نالچىك شەھىرى يېنىدىكى بىر يېزىغا بېرىپ، ۋەقە جەريانىدا " تېررورچى " دەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان. ۋولنىي ئاۋۇل دەپ ئاتالغان مەزكۇر يېزىنىڭ ئاھالىسىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەزكۇر يېزىدا رۇسلان ۋە زاۋۇر ئىسىملىك ئىككى بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا بولغان. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن ياشلار بولۇپ، شۇ جايدىكى مەكتەپتە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. بۇ ئىككى ياشنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار ھەر كۈنلۈك نامازنى قولدىن بەرمەيدىغان ياشلار بولۇپ، 60 ئائىلىلىك مەزكۇر يېزا خەلقى پۇل يىغىپ، مەسچىت سېلىپ بېرىشنى ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلغان. بىراق، بۇ پۇل ھۆكۈمەتكە ئەۋەتىلىپ يۈتۈپ كەتكەن ھەمدە مەسچىت سېلىشقا بۇيرۇق كەلمىگەن، نەتىجىدە ئىئانە توپلىغان خەلق بىر كىنوخانىنى مەسچىت قىلىپ، ناماز ئوقۇغان. بۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئاكا-ئۇكا زاۋۇر بىلەن رۇسلان ئۆز دوستلىرىنى ئېلىپ غايىپ بولغان ھەمدە ئاخىرى بۇ قېتىمقى نالچىكتىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەن.
"خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە يۇرتداشلىرى ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان، باشقا ئامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولىغا قورال ئالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تېررورچى بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى نالچىك شەھىرىدىكى بۇ ھۇجۇمنى ئەنە شۇنداق ئورمان ياشلىرى بىلەن شەھەر ياشلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى يېزىشقان.
بالقار جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە مەلۇمات
قاباردىن –بالقار جۇمھۇرىيىتى كاۋكاز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قاباردىن مىللىتى بىلەن تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بالقار مىللىتىنىڭ قوشما جۇمھۇرىيىتىدۇر. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت نوپۇسى 750مىڭدىن ئارتۇقتۇر.
بالقارلار قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى مىللىتىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلارنىڭ تىلى ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇش بىلەن ئۇيغۇرلاردىن شۇنچە يىراقتا ياشىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر تىلىغا خېلىلا يېقىن ھېسابلىنىدىكەن.
رۇسىيىنىڭ مىللەتشۇناسلىققا ئائىت ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا؛ بالقارلار ئۆزلىرىنى "تاۋلۇلا" يەنى تاغلىقلار دەپ ئاتايدىكەن.ئۇلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 85.1 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، مەلۇم ساندىكىلىرى قازاقىستان ۋە قىرغىزستانلاردا ياشىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپچىلىكى يەنى 70.8 مىڭ كىشى ئوز مىللى جۇمھۇرىيىتىدە تىرىكچىلىك قىلىدۇ.
بالقارلار ياشىغان جايلار بالقارىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالقارىيە 17-ئەسىردە رۇسلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاردا بولغان. 19-ئەسىرگە كەلگەندە شىمالى كاۋكازىيە چار رۇسىيە تەركىبىگە كىرگەندە بالقارلارمۇ رۇس ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغان.
1936-يىلى قاباردىن-بالقار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلىنغان. بىراق، بالقارلار خۇددى چېچەن لەر، قۇمۇقلار ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا 1944-يىلى ستالىن تەرىپىدىن ئوز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرى قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىئا رايونلىرىغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن شۇنىڭدەك ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قاباردىن -بالقار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى رەسمى تۈردە قاباردىن-بالقار جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ ، رۇسىيە بىلەن فەدەرال كېلىشىمىگە قول قويغان. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە بالقارلار گەرچە سانىنىڭ 70مىڭ ئەتراپىدا بولۇشىغا قارىماي ،يەنىلا ئوز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ھەم ئاساسى قانۇنى ۋە باشقا دۆلەت تۈزۈملىرىگە ئىگە مىللەتكە ئايلانسىمۇ بەرىبىر موسكۋانىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا ياشىماقتا.
چېچىنىيىدىكى مۇستەقىل ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى، قاباردىن-بالقار ۋە داغىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ جايلاردىمۇ مۇستەقىللىق ۋە ئىسلامىي ئېتىقاد ئىدىيىلىرىنىڭ كۈنسايىن ئۇلغۇيىۋاتقانلىقى ھەم كېڭىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)
