ئۇزۇن يىل نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان باۋ تۇڭ ئەركىن ھالدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
2007.01.03
2008 - يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بېيجىڭ دائىرىلىرى 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەلقئارا مەتبۇئاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كەڭ دائىرىدە يول قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى باۋ تۇڭ ئەپەندىنى يۈزمۇ - يۈز زىيارەت قىلدى. ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان باۋ تۇڭنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاستە زىيارىتىنى قوبۇل قىلالىشى، خىتايدا بىر قەدەر ئىلگىرىلەشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك بۇ خىتايدىكى بىر ياخشىلىنىش بولۇپ، كەلگۈسىدە چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايدا ئەركىن، ئازادە زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى سەيشەنبە كۈنى باۋ تۇڭ ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەتىگەندىن باشلاپ چۈشتىن كېيىنگىچە تېلېفۇن بىلەن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، ئۆيدە تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. ئاخىرى مۇخبىر باۋتوڭ ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرىنىڭ قول تېلېفۇنىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئىنتايىن تەسلىكتە باۋ تۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىگەن.
- بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، ئۆيىڭىزگە كۆپ قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم، ئەمما تېلېفۇننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى؟
- مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تېلېفۇن ئاۋازىنى سىز ئاڭلىيالايسىز، بىراق مەن ئاڭلىيالمايمەن.
- ئەمەلىيەتتە سىز ئۆيدە ئىكەنسىز- دە.
- مەن بۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە ئۆيدىن بىر قەدەم نېرى كەتمىدىم. ئەتىگەن 7 دىن تارتىپ ئۆيدە بولدۇم.
باۋ تۇڭ ئەپەندى، 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن 1989 - يىلى 5 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 1992 - يىلى "دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" ۋە "ئەكسىلئىنقىلابچى تەشۋىقات ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلغان" دېگەن جىنايەت بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 96 - يىلى 5 - ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ ئىزچىل تۈردە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن. 8 يىلدىن كېيىن باۋ تۇڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى ئەركىن ھالدا قوبۇل قىلغان.
باۋ تۇڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش، خىتاي تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋىتىشكە مۇھتاج، پۈتۈن دۇنيامۇ بۇنىڭغا مۇھتاج، بۇ سىياسەت ئىنتايىن توغرا سىياسەت بولۇپ، جۇڭگونى ئىلگىرىلەشكە باشلايدىغان سىياسەت. مەن بۇنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ سىياسەتنى بەلگىلىگەن كىشىنىڭ ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بۇ ئىشنىڭ پەقەت بىر مەزگىللا ئەمەس بەلكى ئىزچىل مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى تەبىئىي ۋە ناھايىتى نورمال بىر ئىش.
- سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ تېلېفۇنىنى ھېچكىم ئوغۇرلۇقچە تىڭشىمىدى، بۇ ئەسلىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئەركىن قويۇۋىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟
- مەن بۇ ئىشنى تېلېفۇن ئىدارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كاشىلا دەپ چۈشىنىشنى خالايمەن. چۈنكى مەن زىددىيەتلىك بىر يەكۈن چىقىرىشنى خالىمايمەن".
- بىرىنچى يانىۋاردىن باشلاپ، يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، چەتئەل مۇخبىرلىرى، تەيۋەن ھەمدە خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ مۇخبىرلىرى ھېچقانداق ئالدىن رۇخسەت ئالمايلا، ئۆز خاھىشى بۇيىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە زىيارەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما بۇ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇخبىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن سىز قانداق قاراشتا ؟
- مەن نېمە ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ مېنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن بۇ يەردىكى مۇخبىرلارنىڭمۇ مېنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لېكىن بىر قانچە يىلدىن بېرى مېنى خەلق گېزىتى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى،، يەرلىك جايلارنىڭ مەتبۇئاتلىرى بولسۇن، ھېچقانداق جاينىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلىپ باققىنى يوق. ماڭا ئوخشاش زىيارەت قىلىنمايدىغان ئادەملەر ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ دېھقانلار ئاساسەن زىيارەت قىلىنمايدۇ.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى، تېلېفۇن سىمىنىڭ سەۋەبسىز توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، باۋ تۇڭ بىلەن ئۇزۇن سۆزلەشمەسلىككە قارار بەرگەن.
- مەن بۇ تېلېفۇندىنمۇ كاشىلا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.
2005 - يىلى جاۋ زىياڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، باۋ تۇڭ " جاۋ زىياڭنى ئەسلەش" ناملىق تەزىيىسىنى ئېلان قىلغان. باۋ تۇڭ مەزكۇر تەزىيىسىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ 16 يىل نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىشى، بىر تەرەپتىن خىتاي ئەدىلىيە سىستېمىسىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئاشكارىلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە داغ كەلتۈردى دەپ قارىغان.
گەرچە رويتېرس ئاگېنتلىقى باۋ تۇڭنى يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ بىۋاستە زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقى ئىككىنچى قېتىم شاڭخەيلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى ئادۋوكات چېن ئېنلوڭنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي 8 يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ جىق قامىغان دۆلەت دەپ قارالماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە
- خىتاي مەتبۇئاتى كومپارتىيە ئۈچۈن مۇلازىمەتتە بولماقتا
- ئۈرۈمچىدە مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقتا
- تىبەتلىك ئايال يازغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنى چەكلەش ھەققىدە كەينى كەينىدىن بەلگىلىمە چىقارماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى سوت خادىملىرىنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى
- خىتاي ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە
- خەلق ئۆزى ئىشلەۋاتقان قىسقا فىلىملەرنى ھۆكۈمەت ئىنتېرنېت ئارقىلىق توسالمايدۇ