باراك ئوباما تۈركىيىدە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقتا

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاخشام رەەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى. قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا پرېزىدېنت ئايروپىلانى "ئائىر فورسە ئونە " ئايروپىلانى بىلەن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئوباما، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەتىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتا تۈركنىڭ خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن تۈركىيىگە بولغان رەەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.04.06
Obama-Turkiye-Gul-305 ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ، 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﺗﺎ ﺗﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﭽﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﮔﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ www.tccb.gov.tr ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ. Erkin Tarim ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ

ئوبامانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يوللار قاتناشقا ئېتىۋېتىلدى، ئەنقەرە ھاۋا ساھەسىدىكى بارلىق  ئاۋىئاتسىيە  قاتنىشى  توختىتىلدى. ئوباما ئامېرىكىدىن 500 كىشى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 150 كىشى  مۇخبىر ئىكەن. باراك ئوباما  زىيارىتى جەريانىدا ئۆزى ئولتۇرىدىغان  ئوق ئۆتمەيدىغان ماشىنىنىمۇ ئامېرىكىدىن ئېلىپ كەلگەن.

ئەنقەرەدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا مەركىزىي خەۋەر ئېلىش تەشكىلاتى خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان قوغدىغۇچىلار ۋە تۈرك ساقچىلاردىن  بولۇپ 5000 ئەتراپىدا كىشى قوغدىماقتا.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مۇستافا كامال ئاتا تۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ئۇنى  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  رەئىس جۇمھۇرى سارىيىدا، رەئىس جۇمھۇرى  ئابدۇللاھ گۈل رەسمى مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. تۈركىيە  بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مارشى چېلىنغان مۇراسىمدا، ئوباما تۈرك ئەسكەرلىرىدىن   تۈركچە   "مەرھابا ئەسكەر"  دەپ ھال - ئەھۋال سورىدى. تۈرك ئەسكەرلىرى بولسا " ساغ ئولۇن " يەنى "سالامەت بولۇڭ" دەپ جاۋاب
Obama-Turkiye-Gul-Hormet-305
ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ، 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﺎﻓﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﺗﺎ ﺗﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﭽﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﮔﯜﻝ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﭗ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ www.tccb.gov.tr ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ. Erkin Tarim ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
بەردى. كېيىن رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما باشچىلىقىدا، ئىككى دۆلەت   ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشقان ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باراك ئوباما بىلەن ئابدۇللاھ گۈل مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئالدى بىلەن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە باراك ھۈسەيىن ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، ھەيەتلەر ئۇچرىشىشتا ئىراق، ئافغانىستان، تېررورچىلىق  ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىشىۋاتىمىز. تېررورغا  قارشى كۈرەشمۇ بۇلاردىن بىرى. بۇ ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز. بىز بۇ ئۇچرىشىشىمىزدا ئافغانىستاندىكى،  بالقان ۋە كافكازىيىدىكى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. مۇزاكىرىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى."

كېيىن باراك  ئوباما سۆز قىلىپ تۈركىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداش دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.
   
كېيىن ئوباما  تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت باشلىقى كۆكسال توپتان بىلەن كۆرۈشتى.  تۈركىيە  پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە باشلىقلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باشلىقى دېنىز بايقال، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى ۋە كۈرتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دېموكراتىك جەمئىيەت پارتىيىسى باشلىقى ئاخمەت تۈركلەرنى ئايرىم -  ئايرىم ھالدا قوبۇل قىلدى.  كېيىن  تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ زالىدا پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ نۇتقىدا  تۈركلەرنى ۋە تۈرك تارىخىنى ماختىدى.  تۈركىيىنىڭ دېموكراتىك ئىلغار دۆلەت بولۇش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  بۇ  سۆزلەرنى دېگەن ۋاقتىدا تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى قاتتىق ئالقىشلىدى. ئۇ  سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ  ئەردوغان بىلەن تۈرك پەدىسىگە  بىر بىرىنىڭ يۈزىگە  سويۇپ كۆرۈشكەندە پارلامېنت ئەزالىرى  تەرىپىدىن قاتتىق ئالقىشلاندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ھۈسەيىن ئوباما تۈركىيە پارلامېنتىدا  قىلغان سۆزىگە مۇنداق باشلىدى: " ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى بۇ پارلامېنتتا  سۆز قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ مەقسىتىم دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىقىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش. بۇ مەن پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم  سۆز قىلغان پارلامېنت ھېسابلىنىدۇ. مەن ئەنگىلىيە  ۋە پراگادا يىغىنلارغا قاتناشقاندىن كېيىن تۈركىيىگە كەلدىم. تۈركىيە  بىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىمىز، ياۋروپانىڭ  بىر پارچىسى، دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر دۆلەت. بىز تۈركىيە بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنى، ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ۋە بۇ رايوندىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز." 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تۈرك  پارلامېنتىدا  قىلغان سۆزىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ تارىخنىڭ ئېقىشىنى ئۆزگەرتكەن رەھبەر  ئىكەنلىكىنى دېموكراتىيىلىك دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان بىر دۆلەت تۈزۈمىنى تۈرك خەلقىغە قويۇپ كەتكەن لىدېر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۈركىيىنىڭ  بۇرۇندىن تارتىپ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ كەلگەن، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوبۇل قىلدى.  

بۇ باراك ئوبامانىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، سىياسىي تەھلىلچىلەر بۇنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتىدە تۈركىيىگە  ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ  بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ  ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، تۈركىيە 1945 - يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان، 1951 - يىلى تۈرك ئارمىيىسى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بىللە شىمالىي كورىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، 1990 - يىللاردا ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بىللە بوسنىيىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈرك ئارمىيىسى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتۈمەكتە.

ئوبامانىڭ  ئەنقەرەدىكى زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى ئىشىكى ئالدىدا ۋە قىزىل ئاي مەيدانىدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا قاتناشقان سولچى كىشىلەر قوللىرىدا ئامېرىكىغا قارشى شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتەرگەن ھالدا،   ئامېرىكا يوقال ،ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۆيىگە قايتسۇن دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى. 

باراك ئوباما بۈگۈن ئەنقەرەدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچتى. ئىستانبۇلدا  "خەلقئارالىق مەدەنىيەتلەر  ئىتتىپاقى"  ماۋزۇلۇق يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، تارىخىي جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۈركىيىدىن  ئايرىلىدىكەن.    

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. 


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.