دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىنقىلابنىڭ 16 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

5 – ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىقى خاتىرلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. بارىن ۋەقەسىنىڭ 16-يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنى دوستلىرى بولغان تۈركلەردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. ئۇلار ھەممە بىردەك شۇئار توۋلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەشتى ۋە بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەشتى.

5-ئاپرىل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىيتاسىيون قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

5-ئاپرىل كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش دېموكراتىيە تەشكىلاتى كېڭەش ئەزالىرى مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا بارىن قوزغىلىڭىنىڭ جەريانى بايان قىلىندى.