د ئۇ ق بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
2006.04.04

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يۈز بەرگەن "5 - ئاپرىل بارىن ئىنقىلابى" نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2005 – يىلى 7 - ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ميۇنخېندا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنىنى "شېھىتلار كۈنى" دەپ بېكىتكەن ۋە ھەر يىلى 5 – ئاپرىل كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش، قۇرۇلتاي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن يەنە بىر بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ:
"5 - ئاپرىل بارىن ئىنقىلابى" 1990 - يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ فاشىستلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان شانلىق بىر ۋەقە. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىنى قان ۋە جان بەدىلىگە بېزىدى. ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىلھام مەنبەسىگە ئايلاندى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ مەڭگۈ سۇنمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.
مەزكۇر باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: بىز ھەر يىلى بۇ تارىخى زور ۋەقەنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇ - ئارمانى يولىدا ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان شەھىدلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 5 - ئاپرىل كۈنى خىتاي مۇستەبىتلىرى بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان دەھشەتلىك قەتلىئامدا قۇربان بولغان مىڭلىغان ئاتا - ئانىلار ۋە نارىسىدە بالىلارغا جانابى ئاللاھتىن ئۇ دۇنيالىق رەھمەت تىلەيمىز. خىتاي زىندانلىرىدا ھېلىمۇ ئەزىيەت چېكىۋاتقان مىڭلىغان پىداكار ئەزىمەتلەرگە ئەرك تىلەيمىز.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: "بىز ھەر يىلى بۇ تارىخى زور ۋەقەنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان يەنە مىڭلىغان زەيدىن يۈسۈپلەرگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مىللىي مۇجاھىدلىرىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملىرى بىلەن قوللاۋاتقان خەلقىمىزگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز. ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەركىبىدە خالىس ئەجرى بىلەن كۈرىشىمىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىۋاتقان پىداكار ئوغلانلارغا تەشەككۈر ئىزھار قىلماي تۇرالمايمىز.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەلۋەتتىكى، ئاققان قانلار، تۆلەن`گەن بەدەللەرنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان زامان چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. فاشىست خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرىدىغان دەۋرى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ".
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: "مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكالىتەن پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە مۇتلەق سادىق بولۇشقا چاقىرىمەن. شېھىدلىرىمىزنىڭ ئارمانلىرى، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئاڭلىق تونۇپ، ئىمكانى يار بەرگەن دائىرىدە، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇشىنى يەنە بىر قېتىم تەۋسىيە قىلىمەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە توختىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخىنىڭ يېقىنقى زامان قىسمىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش، زەيدىن يۈسۈپ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زور بىر مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن سەبدىشى ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت (1)
- ئابدۇقادىر ئەمەتنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى (1)
- بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى (2)
- "بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
- بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى (1)
- ئابدۇرېشىت ھاجىم: زەيدىن يۈسۈپنى ئەسلەيمىز