بۇنىڭدىن 22 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي جەريانى

بۇنىڭدىن دەل 22 يىل ئىلگىرى يەنى 1990 - يىلى 5 - ئاپرىل كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا بىر ھېسابتا 500، بىر ھېسابتا 700 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلار زەيدىن يۈسۈپنىڭ قوماندانلىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.04.05
Bingtuan-Xitayliri-we-Barin-Inqilapchiliri-tutqunda.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ "ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ" ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
File Photo

بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەر خىل شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىپ كەلدى.

1990 - يىللاردا ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى سۇڭ خەنلياڭ بارىن ئىنقىلابىغا ئالاقىدار بىر كىتاب نەشر قىلدۇرۇپ، كومپارتىيە ئەزالىرىغا مەخپىي تارتقان. بۇ ھۆججەتلىك ماقالىلەر توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىچكى قىسىمدىكى ماتېرىيال، سىرتقا تارقىتىلمىسۇن دەپ يېزىلغان. تۆۋەندە بىز بۇ كىتابتا يېزىلغان بارىن ۋەقەسىنىڭ ئومۇمى جەريانى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

بۇ كىتابتا بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا سۇڭ خەنلياڭ مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ بولۇپ، بىر بۆلۈم ئەكسىيەتچى كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىك، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا قوزغىتىلغان. مەقسىتى كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش. مۇشۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار بۇ يېزىدا 1989 - يىلىدىن باشلاپ ئەزا قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى رەسمى قۇرغان. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى يادرولۇق ( رەھبەرلىك) كۈچى 8 تاپانچا، 10 كىشىدىن ئىبارەت. 1990 - يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 قېتىم «پارتىيە يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. 1990 - يىل 2 - ئاينىڭ بېشىدا ساي مەسچىتتە 2 - قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ ئۆيىدە 3 - قېتىم يىغىن ئېچىپ قورال - ياراق، ئوق - دورا تەييارلاش مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋېتىش كېرەك......» دەپ بەلگىلىگەن. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ساي مەسچىتتە 4 - قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق ھەرىكەتنىڭ كونكرېت تەشكىلى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان. تەشكىلات باشلىقى زەيدىن يۈسۈپ بۇ يىغىندا «.... ناۋادا مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، ئابدۇغەنى تۇرسۇن داۋاملىق قوماندانلىق قىلىدۇ» دەپ ئالاھىدە تەۋسىيە بايان قىلغان.

بارىن ئىنقىلابى - مۇستەقىللىق كۈرىشى

يازغۇچى شەمسىدىن ئابدۇرېھىمنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن كىتابىدا بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان:

1990 - يىلى 5 - ئاپرىلدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپ قوماندانلىقىدا چوڭ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 700 دىن ئارتۇق ئىدى. 5 - ئاپرىل كۈنى ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسى ۋە قورۇسىنى ئىگىلەپ، باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە خىتايلاردىن 500 دەك قوراللىق ھەربىي - ساقچى قارشىلىققا ئۇچراپ مەغلۇب بولۇشقا ئاز قالغاندا، 6 - ئاپرىل سەھەر سائەت 4 يېرىمدا 400 دىن ئارتۇق زامانىۋى قوراللانغان خىتاي ھەربىي قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئارقىدىن يەنە 10 نەچچە مىڭ مۇنتىزىم خىتاي ئارمىيىسى كەلتۈرۈلدى. ھاۋا ئارمىيىسى، بىڭتۈەن توپچى قىسىملىرى، تانكا قاتارلىق ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان ھەربىي قىسىملار بولۇپ جەمى 18 مىڭ ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا قاتناشتى. لېكىن دۈشمەننىڭ كۈچى ناھايىتى زور بولۇپ، ياردەمسىز قالغان قوزغىلاڭچىلىرىمىزدىن جەڭنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 6 - ئاپرىل كۈنىلا 48 كىشى شېھىد بولدى، 193 كىشى يارىلاندى. 30 قوزغىلاڭچى تۇتقۇن قىلىندى. 10 - ئاپرىل ئەتىگەن سائەت 3 يېرىمغىچە بولغان قارشىلىق جەڭلىرىدە يەنە 59 ئىنقىلابچى شېھىد بولغان. 7 كىشى ئېغىر يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشتى. چېكىنىۋاتقانلاردىن 200 نەچچىسى تۇتۇلغان. جەمئىي 5 كۈنلۈك جەڭ ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 107 كىشى شېھىدلىك شەربىتىنى ئىچتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قوماندان زەيدىن يۈسۈپ، ئىسھاق ھوشۇر، مۇھەممەت تۇردى، مۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق ئىنقىلابچىلارمۇ بار.

سۇڭ خەنلياڭنىڭ ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 ئىكەن، بۇنىڭدىن 107 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان، جەمئىي 289 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. 500 كىشىلىك بارىن ئىنقىلابچىلىرىغا قارشى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئۇرۇشقا توپلام 22454 قوراللىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇپ، ئۇرۇش 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 10 - كۈنى سائەت 3:00 كىچە داۋام قىلغان يەنى ئۇ قېتىمقى ئۇرۇش 5 كېچە - كۈندۈز داۋام قىلغان. بۇ ئۇرۇشقا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم باش شىتابىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ۋاڭ ۋىنلى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 1 - ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەن سۇڭچۇن دېگەن خىتايلار قەشقەرگە كېلىپ، ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلغان.

يازغۇچى شەمسىدىن ئابدۇرېھىم «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن كىتابتا بارىن ئىنقىلابىغا قوماندانلىق قىلغان زەيدىن يۈسۈپنىڭ بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خىتاپ قىلىپ يازغان بىر پارچە خېتى توغرىسىدا توختالغان، ئۇ خەتتە زەيدىن يۈسۈپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خىتاب قىلىپ مۇنداق يازغان:

ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرىۋېتىلدى. (1989 - يىلى بىر يىللىق سان) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ - ھېسابلانمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟.... ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي، بىز ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ...؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك.... پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن. خەلقىمىز ئۈستىدىكى باج - سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئىزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز.

ئۇلار بۇ تەلەپلەرنى سۇنغان كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ رەسمى ھەرىكەتنى باشلىغان.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن كىتابتا يەنە بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: 1990 - يىلى 30 - ئاۋغۇستتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سوت ئەمەلدارلىرى، بارىن ئىنقىلابچىلىرىدىن سۇلايمان سوپى، قۇربان مۇھەممەت، غوپۇر ئەۋەللەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. ئەمەت مۇھەممەت، تۇرغۇن خوجا، ئەخەت ھەسەنلەرگە ئۆلۈم جازاسىنى 2 يىل كېچىكتۈرۈش، جامال مۇھەممەت قاتارلىق 5 كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. جەمئىي 103 كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلدى. 36 كىشىنى نازارەت قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تاپشۇردى. زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، بارىن ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 10 ناھىيە - شەھەردىن 2000 ئۇيغۇرنى يولسىز قاماققا ئالدى. بارىن يېزىسىنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. خىتاي جاللاتلىرى ھەتتا بۆشۈكتىكى بوۋاققا ئوق ياغدۇردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئىشغالچىلىرى ھەربىي قىسىم، ساقچى - ژاندارما ۋە بىڭتۈەن 1 - ، 2 - ، 3 - ، 4 - ، 5 - ، 6 - دېۋىزىيە ئەسكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى تەۋەلىرىنى ئۇزاققىچە مۇھاسىرىگە ئالدى.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى» دېگەن كىتابتا يەنە بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:

بارىن ئىنقىلابى تەشكىللىك ۋە مۇنتىزىم، ئۈزۈل - كېسىل ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىنقىلاب. ئۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى كۈچەيتتى. بارىن مۇجاھىدلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، ئىشغالچى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى كۆسەتتى. بۇ ئىنقىلاب خەلقئارادىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. ۋەتەن سىرتىدىكى 1934 - يىلدىن تاكى 1980 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھاجىرلار 1992 - يىلى دېكابىردا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جەم بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچىيىشى، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابى ھەرىكەت سېپىنىڭ كېڭىيىشىگە، ھەقنىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتايلارنى جەزمەن قوغلاپ چىقىرىپ ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت - سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

بىز يەنە بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 3 يىل تۈرمىگە قامالغان ۋە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پېشقەدەملىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان قەھرىمانلارنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماستىن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى مەيدانغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقاچان زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى خىتايغا تونۇتۇپ قويغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.