تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

5-ئاپرىل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسىرى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا بارىن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. يىغىلىشتا بارىن قوزغىلىڭىدا شېھىت بولغان كىشىلەرنى ئەسلەپ شېئىرلار ئوقۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئاڭلىتىلغاندىن باشقا ئۇلارنىڭ روھىغا قۇرئان كەرىم ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

4-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ 17-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە بارىن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن بىر تۈرمىدە ياتقان كامال ئەپەندى بارىن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىكى، روھى پەزىلەتلىرى، ئۇلار بىلەن تۈرمىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ھەققىدە قەيسىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەلۇمات بەردى.