بارىن ئىنقىلابىدا تۇتۇپ كېتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى

1990-يىلى 5-ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىدا يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭىغا بۇ يىل 22 يىل بولىدۇ.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ "ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ" ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ "ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ" ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
File Photo

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ تىلغا ئېلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ئىنقىلاب ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تازا ئېنىق بولمىسا كېرەك.

ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتەيلى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ دەۋرىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىنقىلاب ھەققىدە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئېلشات ھەسەن، بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا قايتا تونۇتقان دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا، 1990-يىلى 4-ئاي جەريانىدا بارىن يېزىسى قوغان كەنتى 1-ئەترىتى تەۋەسىدىنلا 10 ئادەمنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 نەپىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇلار كىملەر ئىدى؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇلارنىڭ نام شەرىپىنى بۇ كىشىلەرنى ياخشى بىلىدىغان قوغان كەنتىدىكىلەردىن ئاڭلىغايسىز.

بارىن قوزغىلىڭىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
بىز يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىمىزدەك ئەينى چاغدا مۇددەتسىز كېسىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كەتمەكتە.

ئۇنداقتا، بارىن قوزغىلىڭىغا چېتىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق باھا بېرىش مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە توختالغان ئېلشات ئەپەندى بۇلارنى مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكىسى بارىن يېزىسى قوغان كەنتى 1-ئەترىتىدىكى پەقەت بىر مەھەللە كىشىلىرىنىڭلا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردۇر خالاس. بارىن ئىنقىلابىدا تالاپەتكە ئۇچرىغان يەنە مىڭلىغان ئاھالىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى خەۋەر-ھېكايىلەر ھەر بىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا يورۇق كۆرۈشنى كۈتۈپ ياتماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت