خىتايدا دەۋاگەرلەر زورلۇق ۋە تەھدىت ئاستىدا باستۇرۇلماقتا

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا خىتايدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دەۋاگەرلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان قىلمىشلىرىنى قەتئىي توختىتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، خوڭكوڭدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى كەننەتھ روتھ ئەپەندى، يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

“2008 - يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دەۋاگەرلەرنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، شۇڭا بىز بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدۇق”.

دوكلاتتا، يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دەۋاگەرلەرگە زەربە بېرىش، باستۇرۇش ھەتتا ئۇلارنى سولاپ قويۇشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، بېيجىڭدىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ دەۋاگەرلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان دەۋاسىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، مىڭ بىر قىيىنچىلىقتا بېيجىڭگە يېتىپ كەلگەن دەۋاگەرلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى كەلگەن جايغا يالاپ كەتكۈزۈۋەتكەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ دەۋاسىغا قىلچە قۇلاق سالماسلىقتەك پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى تەنقىت قىلىندى.

كېننېدى روخت ئەپەندى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە، دەۋاگەرلەرنى قەتئىي قىينىماسلىق، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دەۋاگەرلەرنى قامال قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش ھەمدە دەۋاگەرلەرنىڭ بېيجىڭدىكى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 2004 - يىل بىر ئىچىدىلا دەۋاگەرلەر ئەرز خېتىنىڭ سانى 10 مىليونغا يەتكەن، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى ھېچقانداق بىر دېلو ھەل قىلىنمىغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يېقىندىلا 2000 دەۋاگەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 3 نەپەر دەۋاگەرنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىپ، 50 ٪ دەۋاگەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، 19 ٪ دەۋاگەرنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2001 - يىلىدىن باشلاپ دەۋا قىلىۋاتقان، بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن سىرت، ساقچىلار تەرىپىدىن مېيىپ قىلىۋېتىلگەن، بۇمۇ ئاز كېلىپ، بىر يىل تۈرمىگە تاشلانغان، يۈلەن خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ بىزنىڭ " نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۆپ بەدەل تۆلەپمۇ يەنە دەۋا قىلىشتىن ۋاز كەچمىدىڭىز ؟" دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى :

“بىزنىڭ ئۆيىمىز، تۇرمۇش مەنبىيىمىز يوق قىلىنغاندىن كېيىن، بىز ئاش - تاماق يىيەلمىگەندىن كېيىن، دەۋا قىلماي قانداق قىلىمىز، بۇنى ھۆكۈمەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ھۆكۈمەت بىزنىڭ ئارىمىزدا مەۋجۇت بولۇشنى خالامدۇ - خالىمامدۇ؟ شۇڭا ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە پۇقرالارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ"

"ھۆكۈمەتكە كۆرسىتىلگەن بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ ئازراق رولى بولامدۇ؟" دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن يۈلەن خانىم يەنە مۇنداق دېدى:

"ئەلۋەتتە رولى بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار قورقىدۇ، مەسىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش يىغىنلار ئېچىلغاندا، ئۇلار بىزنى قاتتىق كونترۇل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت رايىس خانىم، پرېزىدېنت بۇش كەلگەندىمۇ بىز بىر تۇتاش گۆرۈگە ئېلىندۇق. بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خىتايغا كەلگەندە، ئۇلار مېنى 24 سائەت تۇتۇپ تۇردى، پۇقرالار ھازىر ھۆكۈمەتكە " ئوغرى گۇمانخور" دېگەن نامنى بەردى. سىز ئېيتىپ بېقىڭە، ئەگەر سەن گۇمانخورلۇق قىلمىساڭ، قورقمىساڭ بىزنىڭ دەۋايىمىزنى توسۇپ نېمە قىلىسەن،

2005 يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دەۋاگەرلەر ئەرزىگە ئائىت دوكلاتتا، 97 ٪ دەۋاگەرنىڭ ئەرزى ھەل قىلىندى دېيىلگەن بولۇپ، يۈلەن خانىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، "ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سۆزى رەقەم ئويۇنىدىن ئىبارەت" دەپ كۆرسەتتى

ھۆكۈمەت قوبۇل قىلغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، دەۋاسىنى ئاڭلاپ قويغان دېلونىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىنغان دەۋا دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ، ھۆكۈمەت خادىملىرى خۇددى بۇ دەۋا ھەل بولغاندەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن " سەن كېتىپ تۇر، ئەرزىڭنى چوقۇم ھەل قىلىپ بېرىمىز " دەيدۇ - يۇ، بىر قانچە يىل ساقلاپمۇ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمەيمىز.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغان، يىغىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان بىر دۆلەتتە پەقەت دەۋا قىلىش يولى بىلەن يۇقىرى ئورگانلارغا ئۆز دەردىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىغىلى بولاتتى، ئەمما نۆۋەتتە، خىتايدا پۇقرالارنىڭ مۇشۇنچىلىك ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقى خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن.