خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تاپقان يېڭى باھانىسى


2006.09.18

"شىنجاڭ خەۋەر تورى"دا 9 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائەت ئىشخانىسى دېگەن ئورگىنى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، جايلاردا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان "ئاممۇنىي ئازۇن كىسلاتاسى" دېگەن خىمىيە ئوغۇتتىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇچ دورا ياساپ جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جايلاردا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان خىمىيىۋى ئوغۇتلارنىڭ تەركىبىدە " ئازۇت كىسلاتاسى" ياكى ئاممۇنىي ئارىلاشتۇرۇلغان ئازۇت كىسلاتاسىنىڭ نىسبىتى 50%تىن ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقىنى 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بولۇش كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋى ئوغۇتلارنىڭ پارتلاش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىشتىن ساقلىنىش لازىملىقىنى جىددىي تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 ‏- ئۆكتەبىر بايرىمىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم باستۇرۇش ئۈچۈن تاپقان باھانىسى، دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

"شىنجاڭ خەۋەر تورى"دا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ جايلاردا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان "ئاممۇنىي ئازۇت كىسلاتاسى" دېگەن خىمىيە ئوغۇتتىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇچ دورا ياساپ جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، "شىنخۇا ئاگېنتلىقى" نىڭ 9 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتە پارتلاتقۇچ دورا، ئوق، مىلتىق قاتارلىق قوراللارنى كونترول قىلىشنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ زەربە بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىزمەت جەريانىدا، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن مەملىكەتتە 1648 توننا پارتلاتقۇچ دورا، 3 مىليون 840 مىڭ كاپسول، 105 مىڭ تال مىلتىق، 2 مىليون 300 مىڭ پايدىن ئارتۇق ئوق يىغىۋېلىنغانلىقىنى ، پۈتۈن مەملىكەتتە 360 جايدا قانۇنسىز ھالدا مىلتىق ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان "داگوڭپاۋ گېزىتى 8 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلمىسى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ھەربىي مانىۋىرىدە تېررورچىلارنىڭ قولىدىكى پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىق ھەرخىل قوراللارنى يىغىۋېلىپ نېفىت تۇرۇبىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى مەشق قىلغانلىقى بايان قىلىنغاندا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېشاڭنىڭ "شىنجاڭدا 90 ‏- يىللاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىدە، تېررورچىلارنىڭ قولىدىن41 مىڭ 300 كىلوگرام پارتلاتقۇچ دورا ئولجا ئېلىندى" دېگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان ئىدى. مانا ئەمدى خىتاينىڭ 1" ‏- ئۆكتەبىر بايرىمى"غا يېقىن قالغاندا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يەنە "جايلاردا دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان "ئاممۇنىي ئازۇت كىسلاتاسى" دېگەن خىمىيە ئوغۇتتىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇچ دورا ياساپ جىنايەت سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش" دېگەن نام ئاستىدا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يېڭىچە سىياسىي تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە يەنە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.