خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا

0:00 / 0:00

كانادادىكى Aberfoyle خەلقئارا خەۋەپسىزلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى Andrew McGregor خىتاينىڭ ھۆكۈمىتى 11-سىنتەبىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسى مۇنداق باشلىنىدۇ:

"خىتاي مەتبۇئاتلىرى كېلەر يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدىغان ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى ئىچىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشى ئەۋجىگە چىققان يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنىدا ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ مەشىق بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، 18 تېررورچى گۇماندارىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 17 گۇماندارنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ھەۋەر قىلدى ۋە بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇم شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەركىتى تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا تېررورچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يېڭى يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىدى، دېدى. بۇ ۋەقە قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا، يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ".

ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدا ئازسانلىق ھالغا چۈشۈرۈلمەكتە

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى بولغان Andrew McGregor ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ "ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونىنى شەرقى تۈركىستان، دەپ ئاتىسا، خىتايلار بۇ رايۇننى يېڭى تېررىتورىيە مەنىسىدىكى شىنجاڭ دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتايدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ رايونغا داۋاملىق ۋە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ كېلىۋەرگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلار بۇ رايوندىكى 18 مىليونلۇق نوپۇسنىڭ 45% نىلا ئىگىلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى"، دەيدۇ.

ماقالە ئاپتورى خىتاي دائىرلىرىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:

"خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئال-قائىدە بىلەن شەرقى تۇركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بۇ رايونغا "قول تىقىۋاتقانلىقى" دىن بىشارەت بەرمەكتە، ئامما ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدە نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى تىلغا ئالمىدى. 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىدە زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭدىمۇ 50 نەپەر قوزغىلاڭچى ئۆلتۈرۈلگەنىدى"، دەيدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرى ئاساسسىز

ماقالە ئاپتورى ئىسلامنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋاھابى ئىدېئولوگىيەسىدىكى ئال-قائىدە بىلەن يېقىنچىلىقى يوقلىقىنى، بەزى ئۇيغۇرلار ئافغانىستاندا مەشىق ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىن لادىن ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بارغان جىھاتقا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستان ھەربى ئىستىغباراتى (Inter-Services Intelligence) تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ئامما ئۇ پاكىستاننىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى نىمە مەقسەتتە تەربىيىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتمەيدۇ.

ئۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندا تەلىم ئالغانلىقى ھەققىدىكى، بىر بىرىگە زىت سان- سېفىرلارنىڭ كۆپتۈرۈلمە ۋە ئۇنىڭ پاكىت ئاساسىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ:

"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئوساما بىن لادىن بىلەن 1999-يىلى كۆرۈشكەنلىكى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ئال-قائىدەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغان ھەسەن مەخسۇم ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغانىدى"، دەپ يازىدۇ. ئۇ يەنە ھەسەن مەخسۇمنىڭ 2003-يىلى 10-ئايدا پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى بولغان Andrew McGregor شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرىپ قىلىش سەۋەبلىرىنى تونۇشتۇرۇپ:

"2002-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىنى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بىر ئايدىن كېيىن BDT مۇ شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. خىتاي يەنە 4 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىمۇ تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئامما خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى"، دەيدۇ.

ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:

بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مەزگىلىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇيۇننى ئوينىشىدىكى مەقسىتى چەتئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشىنى توسۇش"، دەيدۇ.

ئۇ ماقالىسىدا يەنە دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ماھىيىتى ۋە خىتاينىڭ بۇ تەشكىلات ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ:

"90-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلىرىدە پان تۇركىزم قىسقا ۋاقىت مودىغا ئايلانغانىدى. 21-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇلار رېئاللىققا يۈزلەندى،، ئۇيغۇر رايۇنىدا پان ئىسلامىزىملىق ھېسسىيات مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ قاراش ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئارىسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلمىدى"، دەپ يازىدۇ.

ئۇيغۇر ئەمەلدارلار قورچاق

Andrew McGregor ئىشسىزلىق، دىنىي بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ:

"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت (which includes nominally Muslim Uyghurs. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسمى بار ئامما ھېسابتا يوق ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى بولسىمۇ) كە قارىغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى كومىتېتى بۇ رايوندا سىياسى جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلار خىتايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ" ، دەيدۇ.

ئۇ خۇ جىنتاۋنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر رايۇنى بىلەن تىبەتتىكى مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

كانادا Aberfoyle خەلقئارا خەۋەپسىزلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولغان Andrew McGregor خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئازىيىۋانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئامما خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قەرەللىك تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:

"خىتاي دائىرلىرى قارشلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق، ياشلارغا خىتاي مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىشنىڭ بىردىن بىر توغرا يول ئىكەنلىكى ھەققىدە دەرس بەرمەكچى. بېيجىڭنىڭ ئىختىسادىي تەرەققىياتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ"، دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا رەھىم قىلمايدۇ

كانادالىق تەتقىقاتچى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا خىتايغا كۆز تىكىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ، بېيجىڭنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنىكلەشتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ:

"قانۇنسىز كان ئېچىش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تېررورىزىمغا قارشى سىياسى ھەرىكەت قىلىپ بۇرمىلاپ كۆرسىتىلگەن بولىشى مۈمكىنمۇ؟ خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغىنى يوق. خىتايدا قانۇنسىز يول بىلەن كان ئېچىش ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. پارتىلاتقۇچى دورىلارنى بولسا ئادەتتە كان ئاچقۇچىلار ئىشلىتىدۇ. ھۇجۇمدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپ بولىشى، بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالىدۇ، دەپ يازىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)