شائىر باتۇر روزىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى زىيارەت


2007.03.28

batur-rozi.jpg
شائىر باتۇر روزى 80 – يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا.

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى نوپۇزلۇق شائىر ۋە ئىستىداتلىق يازغۇچى باتۇر روزى 3- ئاينىڭ 26 ‏-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئەل سۆيگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر باتۇر روزى، ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىرلىنىپ ئىشلىتىلىشكە مۇيەسسەر بولالماي، قىسقىغىنە 40 يىللىق ھاياتىنى ئازاپ، نامراتچىلىق، ئېغىر روھىي ۋە سىياسىي بېسىم ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى.

شائىر ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە مەرسىيەلەر توقۇلدى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئازاپ- قايغۇلىرى ئىپادىلەندى. باتۇر روزىنىڭ ساۋاقدىشى ۋە ھەمسۆھبەت دوستى ياش شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى مەرھۇم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، باتۇر روزى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يولى ئاپتوبۇس بېكىتىدە يۇرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغان باتۇر روزى يولدا سۇنايلىنىپ يېتىپ قالغان. لېكىن يولۇچىلار شائىرنى بىر ھاراقكەش بولۇشى مۇمكىن دەپ سوغۇق نەزەر تاشلىشىپ ئۆتۈپ كېتىشكەن. ئۇ بۇ جايدا شۇ پېتى يېرىم سائەت ئەتىراپىدا ياتقان. كېيىن يولدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان ساخاۋەتلىك كىشىلەر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشقان بولسىمۇ، ئەمما شائىر ئۆزى سۆيگەن، ئوتىدا كۆيگەن بۇ ماكانىدىن ۋە خەلقىدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى. ئۇنىڭ جەسىدى شۇكۈنى يۇرتى يەكەنگە يولغا سېلىنغان بولۇپ شائىرنىڭ مېيىتى 28 - چېسلا ئۇزىتىلغان.

بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ۋە جان-جىگەر دوستى ياش يازغۇچى كۈرەش ئاتاخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. كۈرەش ئاتاخان باتۇر روزىنىڭ ۋەكىللىك شىرىدىن بىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ سۆزىنى ئاياقلاشتۇردى.

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ساھەسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. ئۇ قازا قىلىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب‏- شىمالىدىكى دىلكەش دوستلىرىنىڭ قەلبىنى تىلغىغان، سەپداش قەلەمكەشلىرىنىڭ كۆزلىرىنى نەملىگەن بولسا، سادىق ئوقۇرمەنلىرىنى مەڭگۈلۈك ئازاپ ۋە سېغىنىشتا قالدۇرۇپ كېتپ قالدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.