بايدىكى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان 14 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن


2005.10.04
CHINA-MINE-BLAST-200.jpg
11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدە كان پارتلىشى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىدى. رەسىمدە فۇكاڭدىكى كان قۇدۇقىغا كىرىپ قۇتقۇزۇش ئالدىدا تۇرغان خادىملار. AFP

10 - ئاينىڭ 4 -كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇيغۇر ئېلى باي ناھىيىسىنىڭ ياتۇر يېزىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 25 نەپەر ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 11 ئى قېچىپ قۇتۇلۇپ چىققان. ئەمما قالغان 14 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان. ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كان ئاستىدىن بەش جەسەتنى تېپىپ چىققان.

كان ئاستىدىكىلەرنىڭ ھايات قىلىش ئېھتىماللىقى ئاز

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ياتۇر يېزىسىدىكى مەزكۇر كان بىلەن دەرھال ئالاقىلاشتى. مۇخبىرىمىز تېلېفون قىلغان ۋاقىت، ئۇلار تېخى ئەمدىلا ئىككى جەسەتنى تاپقان ۋاقتى بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كاندىكى بىر نەپەر ئىشچى، كۆمۈلۈپ قالغان ئىشچىلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ئېيتتى.

-قۇدۇق ئاستىدا يەنە قانچە كىشى بار؟ -يەنە 12 سى بار. -ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى يوقما؟ -ھەئە، شۇنداق بولسا كېرەك.

كان ئىشچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىچۈئەنلىك

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كان ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىچۈئەندىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، گەرچە كۆمۈر كاندا ئىشلەش ئىنتايىن خەتەرلىك بىر خىزمەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىم ياخشى بولغاچقا، ئۇلار خەتەرگە قارىماستىن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەن.

-ئىشچىلار يەرلىك خەلقلەرمۇ ياكى باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەنمۇ؟ -باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن. كۆپۈنچىسى سىچۈئەنلىكلەر. -سىزمۇ سىچۈئەنلىكما؟ -ھەئە. -نېمىشقا بۇنداق يىراق يەرگە كېلىپ ئىش قىلىسىلەر؟ -تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن. -لېكىن كۆمۈر كاندا ئىشلەش خەتەرلىك خىزمەتقۇ؟ -ئامال يوق. لېكىن مائاشىمىز 1-2 مىڭ يۈئەن ھەتتا 2 مىڭ يۈئەندىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

بىز يەنە باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ياتۇر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونغا ھېچكىم چىقمىدى. تېلېفونىمىز ئۇلانغان باي ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى بىر نۆۋەتچى خادىم، بۇ كان پارتلاش ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ ئىدارىنىڭ رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا كەتتى. بۇنىڭ زادى نېمە ۋەقەلىكى ھەققىدە ھازىرچە تېخى يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ."

بىز بۇ ھەقتە يەنە ئىلگىرىلىگەن مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياتۇر يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تېلېفون ئاچتۇق. تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر ئۇيغۇر دېھقان، ياتۇردىكى كانلار ئاساسلىقى تاغدا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قېچىپ قۇتۇلۇپ چىققان 11 كىشىنىڭ ئارىسىدا ئىككىسى مەلۇم دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن.

ياتۇر يېزىسى باي ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەر مەيدانى 1033 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ نوپۇسى 16 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ياتۇر يېزىسى يەنە، كۆمۈر، تۆمۈر ۋە تۇز قاتارلىق مول كان بايلىقلىرىغا ئىگە بىر جاي.

كان ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە

ياتۇر يېزىسىدىكى بۇ كان ۋەقەسىدىن سىرت، بۇ يىل 3 - ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتىغا جايلاشقان بىڭتۈئەنگە قاراشلىق بىر كۆمۈركاندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقان 8 ئىشچىنىڭ ئالتىسى قازا قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 5 -ئايدا چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىدا، بۇ يىل 1 -ئايدىن 4 -ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەر قايسى كان ھادىسىلىرىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40 قا يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

خىتاي ھازىرغىچە دۇنيادىكى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى، خىتايدىكى كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەمدە قانۇنسىز كان قېزىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىلا خىتايدا 3 مىڭدىن ئوشۇق كىشى كان ھادىسىسىدە قازا قىلغان. ھەتتا خىتاي كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەپەر تەتقىقاتچىسى، خىتايدا ھەر بىر مىليون توننا كۆمۈرنىڭ بەدىلىگە 12 ئىشچىنىڭ قازا قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.