خىتايدا نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ


2007.08.08

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، خىتايدا نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ پەرقنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە قوسىقىنى تويغۇزۇش ئىمكانىغا يېتەلمەيۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتايلار ئارىسىدا شەخسى ئايرۇپىلان سېتىۋىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پەرقنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسى، نېپالدىن باشقا بارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسى، نېپالدىن باشقا بارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىۋاتقان باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا ھىندىستان، سرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەر بولۇپ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى ۋە بۇ ئارقىلىق بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتىشى كېرەك ئىكەن .

باراۋەرسىزلىك زور كۆلەمدىكى ياشلارغا تەسىر يەتكۈزگەن

گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. پەقەت جەمئىيەتتە بايلار تۇرمىشىدىلا ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يەنە، كىشىلەر ئارىسىدا باراۋەرسىزلىكنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بۇ خىل باراۋەرسىزلىك زور كۆلەمدىكى ياشلارغا تەسىر يەتكۈزگەن.

باراۋەرسىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلار ياشاۋاتقان مۇھىت ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇلار ياخشى ئوزۇقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالماسلىق ، بولۇپمۇ داۋالىنىش ۋە ئەقەللى مائارىپ تەربىيىسى بىلەنمۇ تەربىيەلىنەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن.

ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ نامراتلىق ئەھۋالى تېخىمۇ يامان

بۇ ئارىدا ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئەڭ گەۋدىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلار، خىتايدىكى بايلار بىلەن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئىنتايىن زور پەرقلەر بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.