خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر ئاخباراتلارنى قامال قىلىش ئۈچۈن، ئىدارە ئورگانلارغا باياناتچى تەسىس قىلماقتا


2005.12.20
mediarights_china200.jpg
بېيجىڭدىكى بىر گېزىت بوتكىسى. خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى خاتىرىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلىرىغا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى نامىدا مەخسۇس ئىشخانىلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، مەمۇرىي ئورگانلاردا تەسىس قىلىنغان بۇ ئىشخانا خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

دەسلەپ بۇ خىل ئاخبارات بېرىش تۈزۈمى ھەر قايسى دەرىجىلىك مەمۇرىي ھۆكۈمەت ھەم پارتكوم ۋە جامائەت خەۋېپسىزلىك ئورگانلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل تۈزۈم بىلەن ئىش تۇتىدىغان مەخسۇس ئىشخانىلار قۇرۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى: ئاخبارات، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات بۆلۈمى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات باشقارمىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئاخبارات باياناتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقان بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق نازارەت دەرىجىلىك ئىدارە ئورگانلاردىن تەسىس قىلىنغان 50 نەپەر ئاخبارات باياناتچىسى -19 دىكابىردىن باشلاپ بۇ كورۇستا ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئۇچۇر بېرىش جەھەتتە تەربىيىلىنىشكە باشلىغان.

ئەزەلدىن ئاخباراتلارنى قاتتىق يۇسۇندا قامال قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدارە ئورگانلىرىدا مەخسۇس ئاخبارات باياناتچىسى بېكىتكەنلىكىنى،" ئاخبارات بايناتچىلىقىنى يولغا قويغانلىقىمىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دېموكراتىيىلىشىشنىڭ كۆرۈنىشى، ئۇچۇر ئاخبارات ئىشلىرىدىكى ئىلغارلىقىنى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ ئىپادە بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشكە مەسئۇل بولغان، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات كومىتېتى باشلىقى لى چى " ئاخبارات، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز تەشۋىقات خىزمىتىدە ئاخبارات باياناتچىلىرى ئارقىلىق ئاكتىپ ئورۇننى ئىگىلىشىمىز كېرەك، بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەت بىلەن ئىشلەش كېرەك، چۈنكى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە خىزمەت" دەپ تەكىتلىگەن.

ئاخباراتنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش

ئادەتتە چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا ئىختىيارى زىيارەتتە بولىشى قاتتىق چەكلەنگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ خىل چەكلىمە يەنىمۇ قاتتىق بولغاچقا ھەتتا تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشمۇ ناھايىتى مۇشكۈل. جۈملىدىن مۇخبىرلىرىمىز ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇمات ئېلىشتا رەت قىلىش، جاۋاب بەرمەسلىك، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ھەتتا سوراققا ئۇچراشقا ئوخشاش مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن رەت قىلىش، تېنىۋېلىشقا ئوخشاش جاۋابلارمۇ ئاخابارات ئورۇنلىرى ئۈچۈن ھەقىقىقەتنى، ئەمىليەتنى ئىسپاتلاشتا، توغرا خەۋەر بېرىشتە پايدىلىق ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلاردا بىردەك ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەشتە بىۋاستە ئاخبارات بەرگۈچىلەرنىلا زىيارەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك ئۇچۇر ئىگىلەش دائىرىسى يەنىمۇ تارىيىپ قېلىشىشىتىن دېرەك بېرىدۇ.

بىز مەزكۇر ئاخبارات باياناتچىسى تەسىس قىلىش تۈزۈمى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق سوئال سوراققا ئۇچرىدۇق.

ئىلگىرى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدە مەخپى زىيارەتتە بولغان كانادادا ياشاۋاتقان گۈزەل خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بېكىتىش تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى يالغان خەۋەرلەر بىلەن ئالدىشىغا ئاسانلىق يارىتىلىدۇ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق مەخپى تۇتىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دېگەندەك ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.