تۈركىيىدە تۈركولوگ بايمىرزا ھايىت ئەپەندى خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00
baymirza-hayit-turkolog1.jpg
خاتىرىلەش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش

تۈركىستانلىق بۈيۈك بىلىم ئادىمى، تۈركولوگ، دوكتور بايمىرزا ھايىت 10-ئاينىڭ 31-كۈنى گېرمانىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۆلۈمىدىن 50 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىيە باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى تۈرك تىل تارىخ مەدەنىيەت يۈكسەك ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باي مىرزا ھايىتنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسلىكى تارمىقىدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرى باشلىقى ئاتاقلىق تۈركولوگ پروفېسسور، دوكتور مىرزاتاي جولداشبېكوف، تۈركىيە گەبزە تېخنىكا ئېنىستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور، دوكتور سالىھ ئاينۇرال، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ ۋە باي مىرزا ھايىتنىڭ جىيەن قىزى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور ئايفەر قاينارجا خانىم قاتارلىقلار باي مىرزا ھايىتنىڭ ھاياتى، كىشىلىكى، ئەسەرلىرى ۋە تۈركولوگىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. مۇراسىمغا پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور، دوكتور نەۋزات يالچىنتاش، سابىق مىنىستىر نامىك كېمال زەيبەك ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

دوكتور بايمىرزا ھايىت 1917-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ نامەنگان ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1937-يىلى تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بايمىرزا ھايتىنىڭ بۇكۈنگىچە تۈركىستان ھەققىدە يازغان يۈزلەرچە ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ نېمىس تىلىدا يېزىلغان تۈرك دۇنياسىدا رۇس ئېمپىرىيالىزىمىنىڭ ئاياق ئىزلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ بەزى مەسىلىلىرى، باسمىچىلار، 1917-يىلىدىن 1934-يىللىرىدا تۈركىستان مىللى ئىنقىلابى، رۇس ئىشغالى ئاستىدىكى تۈركىستان ۋە ئىسلام، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈركىستان قاتارلىق كىتاپلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.

خاتىرلەش يىغىنىدا مەشھۇر قازاق تۈركولوگ مىرزاتاي جولداشبېكوف مىرزا ھايىت ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"رەھمەتلىك بايمىرزا ھايىتنى ئەسلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. مەن دوكتور بايمىرزا ھايىتنى 1994-يىلى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىدىم. مەشھۇر تۈركىستان مۇتەخەسسىسى بايمىرزا ھايىتنى كۆرۈش ئۈچۈن گېرمانىيىنىڭ كۆھىن شەھىرىگە باردىم. بۇ زىيارىتىمىدە تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۇزۇن ئۇزۇن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. رەھمەتلىك تۈركىستاندىن يىراقتا ۋەتەن ھەسىرىتى چېكىۋاتقان ئىدى. تۈركىستان ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بىزگە ئاڭلاتقان ۋاقتىدا ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. ئۇ ماڭا ‘بىز ئۆمرىمىز بويىچە تۈركىستان ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلدۇق. مىللىتىمىز ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى يازدۇق. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە بىز تۈرك دۇنياسى بىر بىرىمىزدىن خەۋەرسىز ياشىدۇق. ئەمدى بولسا تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپى مۇستەقىللىككە ئېرىشتى، مۇستەقىللىق ياشىسۇن. بۈيۈك تۈركىستاننى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىك ئىتتىپاقلىق لازىم’".

جولداشبېكوف ئۆز ۋەتىنى بولغان ئۆزبەكىستان تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان باي مىرزا ھايىتنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن ئۇنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

baymirza-hayit-turkolog2.jpg

"بايمىرزا ھايىت بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلمىدى. ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئۆگەي بالا مۇئامىلىسى كۆرگەن، يۈرىكى يارىلانغان بايمىرزا ھايىتنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلدىم. ئاباينىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 107 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا كەلگەن ئىدى ۋە قازاقىستاندىكى بىلىم ئادەملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئىنتايىن سۆيۈنگەن ئىدى. باي مىرزا ھايىت تۈركىستان تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى ئىدى. لېكىن بۇنىڭغا ئۆمرى يار بەرمىدى. باي مىرزا ھايىتنى تەنقىد قىلىپ ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى چۈرۈش ئۈچۈنلا رۇسىيىدە 300گە يېقىن ماقالە ۋە دوكتور ئىلمى ماقالىسى يېزىلغان ئىدى".

كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور تىمۇر كوجائوغلۇ باي مىرزا ھايىتنىڭ تۈركىستان يېتىشتۈرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان، قازاقىستان دەپ ئاتىغاندا ئىنتايىن ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"باي مىرزا ھايىت پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمىنى تۈركىستان تارىخى دەپ ئاتايتتى. مەسىلەن، باسمىچىلار تارىخىنى يازغان ۋاقتىدىمۇ تۈركىستاندىكى باسمىچىلار ھەرىكىتى دەپ ئىسىم بەرگەن ئىدى. بىز تۈركىستان دېگەندە كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت غەربى تۈركىستاننىلا ئىسىمىزگە ئالىمىز. ئەمما تۈركىستان دىگىنىمىزدە بۇ شەرقىي تۈركىستاننىمۇ غەربى تۈركىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باي مىرزا ھايىت بۇنىمۇ ناھايىتى توغرا ئىزاھلاپ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈركىستان دەپ ئاتايتتى. ھەتتا شۇنداق دەپ كىتابىمۇ نەشىر قىلىنغان. يەنى ئۇ تۈركىستان ئەسلىدە بىر زېمىن، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايلارنىڭ بېسىۋېلىشدىن كېيىنلا مۇشۇنداق شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىشى دەپ ئاتىلىپ قالغان دەيتتى. باي مىرزا ھايىتنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈركىستان ناملىق مەشھۇر كىتابىدا ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەم غەربىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان".

بايمىرزا ھايىتنىڭ جىيەن قىزى ئايفەر قاينار خانىم باي مىرزا ھايىتنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكىستانغا قىلغان زىيارىتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:

"ئۇ ئۆز ۋەتەنداشلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ھەر دائىم شۇنداق دەيتتى. ۋەتەن سۆيەر بولۇش ئاسان ئەمما ۋەتەنپەرۋەر بولۇش قېيىن دەيىتتى. ئۇ ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا باردى. بىز بىللە باردۇق. ئۇنىڭ تۇققانلىرى ئىنتايىن نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھەتتا سۇ تۇربىسىمۇ يوق ئىدى. بىز ئۇيەرگە بارغا ۋاقتىمىزدا پۈتۈن تۇققانلىرى، تونۇش بىلىشلىرى ناھايىتى قىزغىن كۈتۇۋالدى. بۇنىڭدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بىز ئۇيەردە تۇرغىلى 17 كۈن بولغاندا بىزنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ئۆزبېكىستاندىن چىقىپ كېتىشىمىزنى بۇيرۇق قىلدى. بىز بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئالغىنىمىزدا ئىنتايىن ھەيران قالدۇق. بۇ تاغام بايمىرزا ھايىتقا ئىنتايىن ئېغىر كەلدى. ئۆمۈر بويى ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ئاخىرىدا ۋەتىنىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ ئېككىنجى قېتىم ئۆز ۋەتىنى تەرىپىدىن مۇساپىر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇندىن كېيىن تاغام بايمىرزا ھايىتنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى.