گۇاڭدۇڭ ئىشچىلىرى 1 -ئۆكتەبىرنى نامايىش بىلەن كۈتىۋالدى


2005.10.03

خىتاي ھۆكۈمىتى داغدۇغىلىق ھالدا 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، گۇاڭدۇڭ ئىشچىلىرى بۇ بايرامنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى. گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشقا قاتناشقان بىر نەپەر ئىشچى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا مەخسۇس تېلېفون ئېچىپ، بىزنىڭ بۇ نامايىشتىن خەۋەردار بولۇپ قېلىشىمىزنى ھەمدە بۇنى دۇنياغا ئېلان قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.

بايراملىق سوۋغات

بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلەردىن بولۇپ جەمئىي 50 توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى بار بولۇپ، ھازىر بۇ ئىدارىدىكى نۇرغۇن ئىشچى- خىزمەتچىلەر خىزمىتىدىن بوشۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. ھەر قايسى دەرىجىلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىلىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك توك بىلەن تەمىنلەش گۇرۇھىغا قاراشلىق بولۇپ، بۇ ئورۇن 9 -ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ سىستېمىدىكى ھەر قايسى ئىدارىلەردە خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەر دەرھاللا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ ئۆزلىرى قاراشلىق ئىدارىلەرنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ تىنچ ئولتۇرۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.

رادىئومىزغا خەۋەر يەتكۈزگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، يۇقىرىنىڭ بۇ پىلانى بويىچە، بىر ليەن جياڭ شەھەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىنىڭ ئۆزىدىلا 500 نەپەر ئىشچى ئىشتىن توختىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزلىكىدىن توپلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"28، 29 ۋە 30 -چېسلادىن تارتىپ 1 - ئۆكتەبىرگىچە بۇ نامايىش داۋاملاشتى. لېكىن بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، بىز 8 - ئۆكتەبىر كۈنى نامايىشنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى. بۇ نامايىش يەنە لېي جوۋ شەھىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. مېنىڭ بىلىدىغىنىم بۇ ئىككى يەردىكى نامايىش، لېكىن گۇاڭدۇڭدا بۇنداق توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىدىن 50 ئى بار. شۇڭا مېنىڭچە، ئۇ جايلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرمۇ چوقۇم ئوخشاش نارازىلىق بىلدۈرىدۇ".

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ليەن جياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بۇ نامايىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بىر تۈركۈم ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ يەردە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. لېكىن لېي جوۋ شەھىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىرراق بولۇپ، بۇ يەردىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى زاۋۇت باشلىقىنى بىر مەزگىل سولىۋالغان، كېيىن ساقچىلار كېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

ئىشتىن بوشىتىلىدىغىنى ئېنىق

بىز لېي جوۋ شەھەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما بۇ يەردە تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. تېلېفونىمىز ئۇلانغان ليەن جياڭ شەھىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسىدىكى بىر خادىم بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"يۇقىرىدىن بىزگە 888 شىتاتلىق سان بەردى. بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدىغان گەپ. ئاڭلىشىمچە، ئۇلارنى ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاللايدىكەن. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرنى ئىشتىن توختىتىدىكەن".

بىز ئۇنىڭدىن ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىمتىھاندا، كەسپىي ۋە سىياسىي مەزمۇنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تېخى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدىلا، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قانچە كۆمۈر كانلارنى ئېتىۋېتىشى سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان شاۋگۇئەن رايونىدىكى 10 مىڭدىن ئوشۇق كان ئىشچىسى چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. خىتايدا نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 10 يىلنىڭ ئالدىدا بىر يىلدا 10000 قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن بولسا، ھازىر بۇ سان تېز كۆپىيىپ، 2003 - يىلى 58000 قېتىم، 2004 - يىلى بولسا 74000 قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.