كىشىلىك ھوقۇقنى باسىدىغان ئۆكتەبىر بايرىمى


2005.10.05

بۇ يىلقى 1 - ئۆكتەبىر جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغانلىقىنىڭ 56 يىللىق خاتىرە كۈنى. بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا تارتىلغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن باشلاپلا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئەرز ئېيتقىلى بېيجىڭغا كەلگەن ياكى ئەرز ئېيتقىلى كېلىپ بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان كىشىلەرنى "مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى" كىشىلەر دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنى تۇتۇشقا باشلىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شىنلۈنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئۆكتەبىر ھارپىسىدا خىتاي ساقچىلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان خۇجا ئەپەندىگىمۇ نەزەربەندنى كۈچەيتكەن. خۇجا ئەپەندى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا، ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ساقچىلارنى كۆرگەن. خۇجا ئەپەندى ماڭسا، ساقچىلار ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان. خۇجا ئەپەندى كىرگەن بەزى ھويلىلارغا ماشىنا كىرگۈزۈلمەيتتى. ئەمما ساقچىلارنىڭ ماشىنىسى پەۋقۇلئاددە بولغاچقا دەخلىسىز كىرىۋەرگەن. خۇجا ئەپەندى سىرتقا چىقسا ئۇلار يەنە كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان. بۇ خۇددى كىنودىكى، ماشىنا بىلەن پىيادە ئادەمنى قوغلىغانغا ئوخشاپ قالغان. ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەگىشىۋالغانلىقىنى سورىسا، "بىز ئادەتتە دائىم مۇشۇ ئەتراپتا خىزمەت قىلىمىز"، دېگەن.

خۇجا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت پويىز ئىستانسىسىدىن ۋە ئەرزىيەت مەھەللىسىدىن بىر نەچچە مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن.

1 - ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردىن چى جىيوڭ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە نىقابلانغان كىشىلەر بېسىپ كىرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن. چى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇربى يەتمىگەن. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. دوختۇرخانىدا يېتىش، رەسىمگە ئېلىش، قان تەكشۈرۈش، قان سېلىشنى ئاز پۇل بىلەن ئورۇنلىغىلى بولمايدۇ. چى ئەپەندىنىڭ بىر ئايدا تاپىدىغىنى ئاران 300 يۇئەن. ئۇ ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ. ھازىر ئۇنىڭ داۋالىنىشقىمۇ قۇربى يەتمىگەن. ئۇ شۇنداق ئەھۋالدا تۇرغاندىمۇ، يەنە ئۇنى ئۇدا 24 سائەت نەزەربەنتكە ئېلىپ تۇرغان. ئۇنىڭغا كۆز - قۇلاق بولىۋاتقانلار ئوچۇق - ئاشكارا يۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ساقچى پونكىتلىرىدىن ئادەم بار، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسىنىڭ ئادەملىرىمۇ بار. ئۇلار تېخى "ئەگەر سەن ئىنتېرنېت تورىغاكىرىۋېلىپ تەكلىپ، تەشەببۇس تارقىتىپ جىدەل قىلمىساڭ بىزگە بۇنداق ئاۋارىچىلىق يوق ئىدى" دەپ قاقشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە كىشىلەرنى نەزەربەنتكە ئېلىش ئىشى يەنە بىر نەچچە كۈنگىچە داۋام قىلىدىكەن.

1 - ئۆكتەبىر بايرىمى كۈنلىرىدە بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا تارتىلغان فوتو سۈرەتلەردە ھۆكۈمەت ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، پۇقراچە كېيىنگەن بىخەتەرلىك خادىملىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يولدىن ئۆتكەن پۇقرالارنى توسۇۋالغان، پۇقرالارنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرىۋاتقان، سوراق سوراۋاتقان، ئېلىپ ماڭغان ، نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرىۋاتقان، ئاپشاركىلارغا پۇرىتىۋاتقان، قوپاللىق بىلەن تۇتقۇن قىلىپ ئاپتوموبىللارغا سېلىپ ئەكىتىۋاتقان كۈرىنىشلەر بار.

"ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتەبىر بايرىمى كۈنلىرىدە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان قارشىلىق ھەرىكەتلەر داۋاملاشقان. دۆلەت بايرىقى چىقىرىدىغان تۈۋرۈك يېنىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپرەك بولغان. بۇ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا پوستا تۇرىدىغان ساقچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن. مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقە خاتىرىلەنگەن سىنئالغۇ لىنتىسىدا، تەرەپ - تەرەپتىن يۈگۈرۈشۈپ كەلگەن ساقچىلار بۇ جايغا توپلاشقا كىشىلەر ئىچىدىن ئادەم تۇتقان. كىشىلەر توپى ساقچىلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئۈنلۈك ئاۋازدا ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، "يۇقالسۇن باندىت" دەپ شۇ ئار توۋلىغان كۆرىنىشلەر ۋە ئاۋازلار بار.

بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ باھا بېرىشىچە، بۇ يىلقى 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنى مەركەزگە دەرت ئېيتقىلى كەلگەن پۇقرالارغا زەربە بېرىدىغان، يولدىن ئۆتكەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاختۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان بايرام بولغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.