كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تىكلەنگەن
2006.02.22

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭدىن بەش كۈن ئىلگىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ناھىيە بازىرىغا تىكلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ بازىرىغا تىكلەپ قويۇش ۋەقەسى، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ناھىيە بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، كېرىيە ناھىيىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستىدىن سوراق ئېلىپ بارغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ، كېرىيە ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىگە بۈگۈن توپ - توغرا 5 كۈن بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى تىكلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىدىكەن.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاختۇرۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتى كېرىيىدە تۇرۇشلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ھەمدە ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە كېرىيىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئەھۋال ئىگىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى كېرىيە ناھىيىسىدە تازىلاش ئېلىپ باردى
- "قەشقەر ئەدەبىياتى" تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىن ئۈچ يىللىق كېسىلدى
- خىتايدا خەلق ئارىسىدىكى مۇھىتنى ئاسراش پائالىيەتچىسى تەن كەي قولغا ئېلىندى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتمەكتە
- بېشكەكتە قىرغىزىستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
- بالىلارغا دىنىي تەربىيە بەرگەن ئامىنىخان ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى