توقسۇدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بېشى قاتتى
2007.05.09

ئىستانسىمىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە توقسۇ ناھىيىسىدىكى " توقسۇ توپ بازىرى" يېقىندا بىر پۇلدار خىتاي سودىگىرىگە سېتىۋىتىلگەنلىكتىن، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇ بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىجارەتچىنى مەزكۈر بازاردىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان.
بۇ ۋەقە 10 يىلدىن بۇيان ئاز - تولا سېتىقچىلىق قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
بازاردىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى
ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە توقسۇ ناھىيەسىدىكى " توقسۇ توپ بازىرى" نىڭ يېقىندا بىر پۇلدار خىتاي سودىگىرىگە سېتىۋىتىلگەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك بازاردا تىجارەت قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكاس قىلدى.
بىز مەزكۈر ۋەقە ئۈستىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن " توقسۇ توپ بازىرى" غا مەسئۇل ئادەمنى ئىزدەپ تېپىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق، بازارغا قادىر باقى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ تاپتۇق.
ئەپسۇس قادىر باقى، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىر نەرسە ئېيتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
" توقسۇ توپ بازىرى" نى باشقۇرىدىغان قادىر باقىنىڭ سۆزلىرى، بىزنى " توقسۇ توپ بازىرى" نىڭ ھەقىقەتەن سېتىۋىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىشقا ئۇندىدى.
"توقسۇ توپ بازىرى" دا تىجارەت قىلىۋاتقان تىجارەتچىلەردىن بىر قانچىسى، بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ ئۇلارغا بازاردىن كۆچۈپ كېتىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قولى بار

بىزگە مەلۇمات بەرگەن تىجارەتچىلەر، " توقسۇ توپ بازىرى" نىڭ، خىتاي سودىگىرىگە سېتىۋىتىلىشىدە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ تەپسىلىي بىلىش ئۈچۈن شۇنىڭدەك ئەگەر بازار سېتىۋىتىلگەن بولسا نېمە ئۈچۈن، بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى باشقا ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ناھىيە باشلىقى تۇرانقىزنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېلېفونغا ئېرىشەلمىدۇق.
بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئىزدىنىمىز. (ئەقىدە)