ب د ت كىشىلىك ھوقوق مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق ئەمەلدارلىرى، بەش كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايدىكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىنىڭ باياناتچىسى جۇزى دىياز مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىدىكى بەش نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ خىتايدىكى تۈرمە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى، روھىي كىسەللەر دوختۇرخانىسى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، قانۇنسىز تۇتۇش مەسىلىسىنىڭ بار - يوقلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دىدى:

- مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى19 - سىنتەبىردىن 30 - سىنتەبىرگىچە، خىتايدىكى بېيجىڭ ، چىڭدۇ ۋە ئلاسالارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سوتچىلار ۋە ساقچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئۇلار يەنە مەھبۇسلار، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمىلەردە يېتىپ چىققانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇنلارخالىغانچە تاللىنىشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىنىڭ باياناتچىسى جۇزى دىياز مەزكۈر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە بېيجىڭغا بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

ـ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەكشۈرىدىغان يەرلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزى تاللايدۇ ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھەقىقىي ئەھۋاللار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان دۆلەتلەر بەلگىلىمە بويىچە چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئورنىنى خالىغانچە تاللىشىغا يول قويۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە دەخلىي تەروز يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

جوزى دىيازنىڭ كۆرسىتىشىچە، ب د ت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىتاي ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كىلەر يىلى ئەتىيازدا ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا سۇنىدىكەن.

ـ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش شەرتلىرىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە توشىدىغان - توشمايدىغانلىقىنى ئىگىلەش. بىراق ئۇلار بۇ جەرياندا يەنە قىيىن قىستاققا ئېلىش مەسىلىسىنىمۇ تەكشۈرىدۇ.

بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلەر كېچىكتۈرۈلگەن

باش شتابى نيو-يوركتىكى " خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتى" نىڭ رەئىسى لىيۇچىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرىشىگە تۇسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقوق كومىتىتى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا خىتايغا قىلىدىغان سەپىرىنى قارارسىز كىچىكتۈرگەنلىكى ھەققىدە تۇختۇلۇپ، مۇنداق دىدى:

ـ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى " تەييارلىقىمىز پۈتمىدى" دەپ، يەنە " ئۇ زىيارەت قىلغان مەزگىلدە تۈرمىدىكى خادىملارنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرەتتۇق" دەپ باھانە كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنى كىچىكتۈرگەن. ئەمىلىيەتتە تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ سەپىرى ھازىرغىچە كىچىكتۈرىلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى يوق قىلماقچى. شوڭا بۇنى مەن بىر ئارقىغا چىكىنىش دەپ قارايمەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقوق كومىتىتىنىڭ باياناتچىسى جۇزى دىيازنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا كەلگىچە، ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ خىتايغا زىيارەت قىلىشىنىڭ كۈنتەرتىبىنى بىكىتمىگەن. (ئارزۇ)