بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 59- نۆۋەتلىك يىغىنى نيو-يوركتا ئېچىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ -59نۆۋەتلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى نيو-يوركتا رەسمىي ئېچىلىپ، بۇنىڭغا بىر يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. يىغىندا يەنە، ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان ۋە ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج W بۇش سۆز قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ -59 نۆۋەتلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ نيو-يوركتىكى باش شىتابىدا رەسمىي ئېچىلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى بىر يۈز نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 64 نەپەر پرېزدېنت، 25 نەپەر باش مىنىستىر ۋە 86 نەپەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتناشتى. يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان (Kofi Annan ) سۆز قىلىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

كوفى ئاننان سۆزىدە، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىراق تۈرمىلىرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى ئەيىپلىدى.

باشقىلارنىڭ ئازاپ چېكىۋاتقىنىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خەتەرلىك

بۇ قېتىملىق يىغىندا كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر كىشى ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج بۇش بولۇپ، ئۇ، كوفى ئانناننىڭ سۆزى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ب د ت ۋەكىللىرى ئالدىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيانىڭ زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سېلىشىغا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، "دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەت تىنچلىقنى خالايدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن، ھەر بىر دۆلەتنىڭ شۇ تىنچ دۇنيانى بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار" دەپ ئەسكەرتتى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىمىغان دۆلەتلەر چىقارغان مەزكۈر قارارىنىڭ ئۆزى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، " باشقىلارنىڭ ئازاپ چېكىۋاتقىنىنى ۋە بەزىلەرنىڭ باشقىلارنى باستۇرۇشىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خەتەرلىك." دەپ ئەسكەرتتى. ھەمدە ئۇ، تېررورلۇق تورلىرى دۇنيانىڭ قەيىرىدە ھەرىكەت قىلىشىدىن قەتئينەزەر، ئامېرىكىنىڭ بۇنى قەتئىي تارمار قىلىش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى زۆرۆرىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان بۇ قېتىملىق يىغىندا، بۇشنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى ئەيىپلىگەن بولۇپ، ھەتتا ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراق ئۇرۇشىنى "قانۇنسىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. جورج W بۇش مەزكۈر يىغىندا ئۆزىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى ئاقلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارى ئۈستىدە توختالدى، ھەمدە ئىلگىرى " دىكتاتور" سادام ھۈسەيىننىڭ پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق قارارلىرىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپمۇ، ب د ت قارارىنى كۆزگە ئىلماستىن بۇنىڭغا ھېچقانداق بوي سۇنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سۆزىدە، " ئاخىرى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەگەر سادام گېپىدە تۇرمىسا، جىددىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى. بىز بەرگەن ۋەدە ئورۇنلىنىشى كېرەك. تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ ۋەدىنى بەرگەندىن كېيىن، بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك." دېدى.

بۇش سۆزىدە يەنە ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ، سادامنىڭ كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللىرىنى يوقۇتۇش تەلىۋىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

بۇش ب د ت يىغىنىدا، ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورچىلىق مەسىلىسىدىن سىرت، دىموكراتىيە، مائارىپ، كەمبەغەللەرنى يۆلەش ۋە ئەيدىز قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىلىرىدا كۆپرەك توختالدى. بۇش يەنە بەش يىل ئىچىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسى ئۈچۈن 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە چەتئەللەردە مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا جورجىيا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىشلار مۇتەخەسسىسى پروفېسسور جون گارۋېر ) John W . Garver ( ئەپەندى پرېزدېنت بۇشنىڭ بۇ يىللىق ب د ت يىغىنىدا، ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا يۇمشاق تەلەپپۇزدا سۆز قىلىشىدىكى سەۋەپنىڭ، خەلقئارادا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن نارازىلىقلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور گارۋېر سۆزىدە، بۇشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تېمىسىدا كۆپرەك توختىلشىنىڭ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى قىياپىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىشتىن سىرت يەنە، 4 ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزدېنت سايلىمىنىمۇ نەزەردە تۇتقان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۈر ب د ت يىغىنىغا ئافغانىستان پرېزدېنتى خەمىد كارزاي ۋە ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئىياد ئالاۋىمۇ قاتناشقان بولۇپ، سەيشەنبە كۈندىكى يىغىندىن كېيىن، پرېزدېنت بۇش ئالاۋىنى ئاق سارايدا كۈتىۋالىدۇ. ئالاۋى يەنە چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى ئالدىدا بايانات بەرمەكچى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، ئىراق، ئوتتۇرا شەرق ۋە تېررورىزم مەسىلىلىرىدىن سىرت يەنە نۇرغۇن تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سۇداندىكى توقۇنۇشمۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. (پەرىدە )