زامانىمىزدا تېررورچىلىق بىلەن قوراللىق توقۇنۇش - بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى

0:00 / 0:00

"كۆزىتىش ژورنىلى" دا بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى تېررورچىلىققا قۇترىتىشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، 2005 - يىلى 9 - ئاينىڭ 14 -كۈنى "تېررورچىلىققا قۇترىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا 1624 - نومۇرلۇق قارار" قوبۇل قىلغان.

قاراردا ئامېرىكا قاتارلىق ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى تېررورچىلىققا قۇتراتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن بىردەك ھەرىكەت قوللىنىشقا ۋەدە بەرگەن.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ تېررورچىلىققا قۇترىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقىرىشنى ئەنگىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قارار تېكىستىنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ قاراردا، مەيلى كىمنىڭ، قايەردە ۋە نېمە مەقسەتتە قۇترىتىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر قانداق شەكلىدىكى تېررورچىلىق خاھىشىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

بەزى كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئېچىش ئۈچۈن، ھازىرقى تېررورچىلىقنى ئاقلىغان، پەدەزلىگەن خاھىشىلىرىغا قاتتىق رەددىيە بېرىلگەن. قاراردا يەنە، تېررورچىلىققا قۇترىتىدىغان ھەر قانداق خاھىشىلارغا ھەممە دۆلەتنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشى لازىملىقى، تېررورچىلىققا چېتىلىدىغان ھەر قانداق كىشىگە پاناھلىق بەرمەسلىكى تەكىتلىنىپلا قالماي، بەلكى بۇ جەھەتتە كىملەرنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىمۇ دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىلگەن.

قاراردا يەنە، ب د ت غا ئەزا بولغان 191 دۆلەتنىڭ ھەممىسى بۇ قارارغا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتلەر ئارا چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشى، تېررورچىلارنىڭ ساختا كىملىك بىلەن چېگرىدىن كىرىشىگە يول قويماسلىقى، بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارىمىقىدا قۇرۇلغان تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە يار - يۆلەكتە بولۇشى تەكىتلەنگەن.

ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، قوراللىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش جەھەتتىمۇ يەنە بىر قارار قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ قارارمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن قوراللىق توقۇنۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارغا دىققەت قىلىشنى، تەبىئىئى بايلىقلارنى قانۇنسىز بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ يۆتكەپ كېتىشنى چەكلەشنى، پۇقرالار جەمئىيىتىنى قوغداشنى، تىنچلىقنى ساقلاش قوشۇنلىرىنى كۈچەيتىشنى ، ئادىل ۋە ئوچۇق - يورۇق سايلام ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ "تېررورچىلىققا قۇترىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا قارار" چىقارغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش " تېررورچىلىق بىلەن قوراللىق توقۇنۇش بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى. بىز ھەممىمىز ب د ت دا ئېلىنغان بۇ قارارغا ئاساسەن بىردەك ھەرىكەت قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى توڭلىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ ساختا كىملىك بىلەن باشقا دۆلەت چېگرىسىدىن ئۆتۈپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىدىن ، بولۇپمۇ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىدىغان ھەر خىل قوراللارغا ئىگە بولۇۋېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم" دېگەن.

ئارگېنتىنا پرىزېدېنتى نېستور كىرچنېر " تېررورچىلىق خاھىشلىرىنىڭ ھەممىسى جىنايەت سادىر قىلغانلىق. ئۇنى ئاقلاشقا بولمايدۇ. مىللەتنى، كۆز قاراشنى ياكى دىننى بانانە قىلىپ ياكى باشقا مەقسەت ئۈچۈن ھەر قانداق باھانە كۆرسىتىپ بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرغىن قىلغان جىنايەتلەرنى ئاقلاشقا ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم" دېگەن.

تانزانىيە پرىزېدېنتى بەنجامىن مكاپا " بىزدە 'ئەل –قائىدىچىلار' 1998 - يىلى ئامېرىكىنىڭ دارىسسالامدىكى ئەلچىخانىسىنى پارتلاتقان بىر چوڭ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاسمىنىدىن تېررورلۇق تۇمانلىرى تاراپ كەتكىنى يوق. ھېلىمۇ پات - پاتلا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشتا بىزگە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېرەك" دېگەن.

رومىنىيە پرېزىدېنتى تراين باساسكۇ " بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشتا بىر دۆلەت ئۆز دائىرىسىدىلا ئىش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭلاشقا خەتەرلىك مەنبەسى نەدە بولسا شۇ جايغا بىۋاستە زەربە بېرىپ، يىلتىزىنى قۇرۇتۇشى لازىم" دەپ تەكىتلەپلا قالماي، بەلكى 10 - ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، رايون دائىرىلىك ھەمكارلىق مەسىلىسى بويىچە مەسلىھەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)