خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت نىڭ بېرما كىشىلىك ھوقۇقى قارارىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلدى ؟
2007.01.15
ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بېرما كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىدە بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى رەھبىرى ئاڭسەن سۇچى ۋە سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، بېرمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىش، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە بېرمىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن ئىدى. بۇ تەكلىپ لايىھىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى ۋە تەكلىپ لايىھىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالالمىدى.
رۇسىيە: بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس
مەزكۇر قارار لايىھىسىنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ لايىھىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 دۆلەت ئىچىدە فرانسىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، پاناما، پېرۇ، سلوۋاكىيە ۋە گانا قاتارلىق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر قوللىدى. تەكلىپ لايىھىسىگە خىتاي، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئاز ساندىكى دۆلەتلەر قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر ئىدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي، بېرمىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەھۋاللار خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت سېلىۋاتقان شۇنداقلا مەزكۇر قارار لايىھىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
رۇسىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى چوركىن، "بىز خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇنىڭ ھوقۇقى دائىرىسى سىرتىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى قوللىمايمىز" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمى ۋاكالەتچىسى ۋولف، قارار لايىھىسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى "كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان نەتىجە " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "قوشما شتاتلار خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قارار لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلاندى. بۇ قارار لايىھىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆز خەلقىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىدىغان، تەن جازاسى بېرىدىغان، باسقۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغان بېرما ھەربىي دائىرىلىرىگە بېرمىدا ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك ۋە جىددىي ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايتتى" دەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي ۋە رۇسىيە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىدى
بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 2 دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ 1989 - يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا رەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا بۇ خىتاينىڭ 1972 - يىلى ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولغاندىن بېرى رەت قىلىش ھوقۇقىنى تۇنجى قېتىم رۇسىيە بىلەن بىرگە قوللىنىشىدۇر.
خىتاي نېمە ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بىرگە رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللاندى ؟ بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي، كىشىلىك ھوقۇقنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، رۇسىيە چېچەنلەرنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ ئەھۋالدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بېرما كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلەيدىغان قارار لايىھىسىنى قوللىسا، بۇ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلەيدىغان قارارلارنى چىقىرىشىغا ئۈلگە بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي سىياسىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان " يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى" ھەققىدىكى دوكلاتتا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى "تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى رايوندا ئۇيغۇرلارنى يەڭگىللىك بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. رۇسىيە بولسا چېچەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ۋە چېچەنلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.
بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بولسا تەكلىپ لايىھىسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى "بېرما خەلقىنىڭ غەلىبىسىلا ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ غەلىبىسى شۇنداقلا بېرما رىئاللىقىنىڭ غەلىبىسىدۇر "دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن بېرمىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ھەرىكىتىنى تىنچ يوللار بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ باياناتچىسى ميىنت تيېن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بېرما ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى رەت قىلغانلىقىغا "ئۈمىدسىزلەنمەيدىغانلىقىنى ياكى غەزەپلەنمەيدىغانلىقىنى" بىلدۈردى. ئۇ، "بېرما ۋەزىيىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر ئىلگىرلەش" دەيدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ بېرما ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋازغا قويغاندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى قاتار، ھىندونېزىيە ۋە ئافرىقىدىكى كونگولار بىلەت تاشلىمىدى.
خىتاينىڭ بېرمىدىكى مەنپەئەتى
خىتاي بېرمىنىڭ تەبئىي بايلىقلار مەنبەسىگە مەبلەغ سېلىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بېرمىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي يۆلەنچۈگىلا ئەمەس، بەلكى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتتۇر.
تەيۋەندە چىقىدىغان "جۇڭگو ۋاقتى گېزىتى" بېرما ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاي بىلەن بېرمىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ئالاقىسى زىچ بولۇپلا قالماي، خىتاي بېرمىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي خەلق پۇلىنىڭ بېرمىدا كەڭ قوللىنىدىغان پۇلغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.
خىتاي بېرمىنىڭ بېنگال قولتۇغى ساھىلىدىكى دېڭىز پورتلىرىدا خىتاي ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن بولغان مۇساپىنى قىسقارتىدىغان دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش نىيىتىنى ئىپادىلىمەكتە. ب د ت نىڭ پەرەز قىلىشىچە، بېرمىدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانى 1100 گە يېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبىل مۇكاپاتى لائۇرىياتى ۋە بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئاڭسەن سۇچىنى نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بېرما ۋەزىيىتى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولۇپ كىرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى
- ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى بان كىمۇن ئەپەندى ئىسلاھاتنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن باشلىماقچى
- ب د ت خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئەيدىز توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە خىتاي ب د ت نىڭ چىقىمىنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى
- بېرمىدىكى چىن مىللىتىنىڭ مۇساپىرلىرى ئامېرىكىدىن پانالىق تېلىمەكتە
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا جازا قويۇش تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە
- مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتمەكتە
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى كوفى ئاننانغا خەت يازدى
- كوفى ئاننان خىتاينى زىيارەت قىلدى
- خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ئۈندىدى