ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. يىغىنغا، ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەت شۇنداقلا ب د ت نى كۆزىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.09.03
UNPO-yighinida-Dolqun-Eysa-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Eqide

ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ب د ت نى كۆزىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە يىلدا ئۈچ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك قارارلار قوبۇل قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىدىغان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرىش، د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
 
بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شىتابىدا داۋام قىلىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان پائال تەييارلىق قىلغان.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگە قەدەر جەنۋەدە تۇرۇپ، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا مەسئۇللىرى، نوپۇزلۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ۋە د ئۇ ق نىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى بايان قىلىپ ئۆتتى.
 
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيىتى جەريانىدا بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەسىرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ كۈنسېرى ئەشەددىلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت 15 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش توغرىلىق مەسلىھەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
د ئۇ ق باش كاتىپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6 - ئايدا چاقىرىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىگە ۋەكالىتەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىرگەن ئىسپانىيە ھۆكۈمەت ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنى قېيىن ئەھۋالدا قالدۇرغان.
 
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى غەرب ئەللىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي دىققىتىدە تۇتۇۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، 15 - نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتاي تەرەپنى يەنە بىر قېتىم ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.