مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتمەكتە

0:00 / 0:00
bdt-kishilik-hoquq-yighini.jpg
20 – ئىيۇن كۈنى خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېسچى جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. AFP

يېڭى قۇرۇلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋيېنادا باشلاندى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەسلىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئەزا دۆلەتلەر سۈيئىستىمال قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر ئىگىلىۋالغان ۋە بۇ ئورگان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا قۇرۇلدى. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى پاكىز دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەر يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە ۋە بۇ ئورگاندىن يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مۇشتۇمزورلۇقلارغا قارشى ئۈنۈملىك تەدبىر ئېلىشنى، ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

كىشىلىك ھوقۇقتا ئەيىبلەنگەن دۆلەتلەر يەنىلا مەزكۇر كېشەشتە

ب د ت نىڭ بۇرۇنقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى 53 ئەزا دۆلەت ئىچىدە خىتاي، كۇبا، سۇدان، زىمبابۇۋى قاتارلىق ئەللەر بار بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر پۇقرالىرىغا مۇشتۇمزور ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

يېڭى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ ھازىرقى 47 ئەزاسى ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا مەخپىي بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى بويىچە سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو مەزكۇر كېڭەشكە كىرىشنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇردى. جۇڭگو، 1990 - يىللاردىن ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قانچە قېتىملىق خىتاينى تەنقىد قىلىش لايىھىسىنى كۇبا، ئىران، پاكىستان، لىۋىيە، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەغلۇب قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنى جۇڭگو غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سۈيقەستىنى ئون يىلدىن بېرى ئىزچىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ كەلدى" دەپ يازدى. ئامېرىكا بولسا " يېڭى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇشتۇمزور دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېڭەشكە ئەزا بولۇشىنى توسايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمىغانلىقى" سەۋەبىدىن ئۆزىنى نامزاتلىققا قويمىغان.

كوفى ئاننان: كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك

كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنكى يىغىنىدا ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان، مەزكۇر كېڭەشنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىدىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ ئىپادىسى، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئەگەر بۇ كېڭەش كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن دېسە، بۇرۇنقى ئىشلار تەكرارلانماسلىقى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئەزا دۆلەتلەرگە خىتابەن" مەزكۇر كېڭەش سىياسىي مەقسەتلەر بىلەن ئۆز ئارا قوساق ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلۇپ قويۇلماسلىقى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن كوفى ئاننان،" ئاممىۋىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت ھوقۇقى رەت قىلىنغان، بىپەرۋا ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ياكى نادانلىق، ئاچلىق ۋە كېسەللىكتىن جان تالىشىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك" دەيدۇ.

كوفى ئانناننىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى كېڭەشكە بۇرۇنقى كومىتېتتىكى ئۆز ‏- ئارا تىركىشىدىغان، بىر‏ - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ئەھۋاللار كېرەك ئەمەس. ئۇ، بىزگە پىشقان، ھەمكارلاشقۇچى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە رەھبەرلىك كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېڭى نىزامنامىسى بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇميۈزلىك ۋە سېستىمىلىق تۈردە دەپسەندە قىلماقتا دەپ قارالغان دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىيالايدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چىقارغان ھەر قانداق قارار ھۆرمەت قىلىنىشى شەرت

ب د ت ئالىي كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى لۇئىس ئاربورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت غا ئەزا 191 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەزكۇر كېڭەش تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى چىقارغان ھەر قانداق قارارنى ھۆرمەت قىلىشى شەرت. ئۇ، "مېنىڭچە بۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىنى ئالدى بىلەن ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى " دەيدۇ.

ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جېين ئەللىسېن، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى " تارىخىي پۇرسەت" ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىدىكى يېڭى بىر سەھىپە" دەپ كۆرسەتتى.

ئەللىسېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، "دۇنيا بۇ كېڭەشنىڭ خىزمىتىنى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسىدىكى پرىنسىپلارنى ئىجرا قىلغان ياكى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۈمىدۋار قارايدىغان زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ كېڭەشنىڭ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر تەرىپى ھېچبىر دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىدۇر. مەزكۇر كېڭەشنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ھەربىر دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلىشى ۋە تەنقىدنى سوغاق قانلىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رولىدىن گۇمانلىنىدىغان زاتلار، مەزكۇر كېڭەشكە خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەزا بولۇشىنى توسايدىغان بىر مىخانىزىم تەسىس قىلىنمىغانلىقىنى ۋە بۇ ئورگاننىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئاسانلا سۈيىئىستىمالغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئامېرىكا ئىلگىرى يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى بىلەت تاشلىغان ۋە ئۆزىنى نامزاتلىققا قويمىغان. لېكىن ئامېرىكا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك لاگون، "گەرچە بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇرۇنقى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ پەدەزلەنگەن كۆرۈنۈشى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەكمۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)