بېيجىڭ ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور (Louise Arbour) خانىم ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىلىق خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن شۇنداقلا بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمەكچى بولغان. لېكىن بېيجىڭدىن بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، لۇئىس ئاربور خانىم بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، مەزكۇر جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىغان ھەمدە كىشىلىك ھوقوق ئورگىنىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇشتۇمتۇت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

مەقسەت ب د ت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىك

نەق مەيداننى زىيارەت قىلغان رۇيتېرس مۇخبىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بۇنداق كونترول قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىغا يېقىن يولاتماسلىق ئىكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شېركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە : خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ " شەپقەت بۇلىقى" ناملىق ئىشخانا مەسئۇلى خۇ ۋىنجاڭ خانىم مەزكۇر ئىشخانىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى بېيجىڭغا كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت قاتتىق تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خۇ ۋىنجاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېر ۋە بارلىق ماتېرىياللارنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئەتراپىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىنى توسىغان. يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇق

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ "شەپقەت بۇلىقى" ناملىق ئىشخانا مەسئۇلى خۇ ۋىنجاڭ خانىم ئۆزى بىر ئالىم بولۇپ، ئۇ داۋاملىق دېھقان ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ئۆز نامى بىلەن ئارىلىشىدىكەن. ئۇ يەنە تەكشۈرۈش ۋە پۇقرالار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ نارازىلىقى ھەققىدە ماقالىلەرنى يازىدىكەن.

خۇ ۋىنجاڭ خانىم ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شېركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: " بىزنىڭ بۇ ئىشخانا ھېچقانداق سىياسى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغان، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت دېھقان ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت " دەپ تەكىتلەپ، " ساقچىلار بۇنداق بىر ئورگانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئىشنى بۇنچىۋالا چوڭايتىۋەتمىگەن بولسا بولاتتى. ئۇلار ھازىر بىزگە نۇرغۇن توسالغۇلارنى يارىتىپ، خىزمىتىمىزنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشىغا قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەتتا بىزگە 'ئىشخاناڭلارغا مەيلى قانداق ئادەمنىڭ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا دوكلات قىلىپ تۇرۇشىڭلار كېرەك' دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى" دېدى.

قاتتىق نازارەت

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى خۇ ۋېنجاڭ خانىمدىن باشقا يەنە، ليۇ شياۋبو قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

مەسىلەن، بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ئۆكتىچى ليۇ شاۋبونىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىگە يوللىغان خېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور خانىم خەلق قۇرۇلتىيى زالىنىڭ ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، قۇرۇلتاي زالىنىڭ سىرتىدا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان. ليۇ شياۋبونىڭ ئۆيى ئەتراپىدىمۇ 5 - 6 نەپەر ساقچى ماشىنىسىنى توختىتىپ قويۇپ، ئۇنى نازارەت قىلغان.

بېيجىڭدىن كەلگەن خەت

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

" تۈنۈگۈن ليۇ شياۋبۇ ئەپەندىنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ خېتىدە، 8- ئاينىڭ 29 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور خانىمنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق نىزامنامىسى" غا قول قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، مەزكۇر جايدىكى ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى، ھەتتا 6 - 7 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا كېچە - كۈندۈز گۆزەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ليۇ شياۋ بونىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت ئۇنىلا نازارەت قىلىپ قالماي، ئىلگىرى مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئىشلىگەن ئۆكتىچى جاڭ جۇخۇئانى ۋە شۇنداقلا، ئىنتېرنېت تور بېتىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىدىغان داڭلىق يازغۇچى ۋە ئۆكتىچى ليۇ دى قاتارلىقلارنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇرغان".

نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى "بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى بىر خىل ئىلگىرىلەش دەپ قارىساقمۇ، ئۇلارنىڭ دەل مۇشۇ پەيتتە، ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغان ئۆكتىچىلەرنى بۇنداق قاتتىق كونترول قىلىشى بەكمۇ ھەدىدىن ئاشقانلىق. بۇ خىتاينىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قىلىنغان بىر چوڭ مەسخىرە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش!" دەپ بىلدۈردى.

چىن كۈيدﯤ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزىتىشتە، ئەڭ ئالدى بىلەن مەزكۇر جايدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ، زىيالىلارنىڭ ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇشىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنى يېقىندىن كۆزىتىشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى :

" خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك يەنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزىتىشتىكى ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى مەزكۇر جايدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن، چۈنكى بۇنداق قىلىنمايدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا داۋاملىق ھالدا كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئۆز خەلقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ يوشۇرۇن دەپسەندە قىلىدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قانداق باھا بېرىشنىڭ يولىنى بىلىشى كېرەك. بولمايدىكەن، بۇ خىل تۈزۈم خاراكتېرلىك ھالەت مەنچە ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ !". (مېھرىبان)