ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ يىل 6 - ئايدا خىزمەت باشلايدۇ
2006.03.20
شۋېتسارىيە پايتەختى جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ يىللىق خەلقئارا يىغىنى دۈشەنبە كۈنى يەنە كېچىكتۈرۈلدى. بۇ 6 ھەپتە ئېچىلىشقا تېگىشلىك بولغان يىغىننىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى ۋە بۇ يىغىننىڭ - 2 قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللار ۋە بۇ كېڭەشنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەد قىلغان.
ئۆتكۈنچى دەۋر
دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىد ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ يىل 6 - ئايدا ۋەزىپىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلىدۇ. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ يىلقى جەنۋە خەلقئارا يىغىنى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
بۇ يىلقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى گۈانتانامودىكى تۇتقۇنلار لاگىرى، سۇدان ۋەزىيىتى، ئابۇ غېرىب تۈرمىسى ۋە سۇدان، ئىسرائىلىيە، ئۆزبېكىستان، بلۇروسىيە، شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ يىغىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى ئېچىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋاقىت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قۇرۇش مەسىلىسىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازىغا قويۇش مەسىلىسى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ يىلقى يىغىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئەمەلىي ئىلگىرلەش بولماسلىقى مۈمكىن. شۇڭا بۇ مەسىلىلەر يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتمەكتە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ كومىسارى لۇئىس ئاربور خانىم، "مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم، كومىتېت بولمىدى دېگەندە خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى 60 يىل جەريانىدا بىزنىڭ بۇ ئورگاندىكى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان تىرىشچانلىقىمىز ئۈستىدىن بىر خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك" دەيدۇ. لېكىن ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىلقى يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش سەمىمىيىتى بار - يوقلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
لۇئىس ئاربور، "مېنىڭچە ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىلقى يىغىننىڭ ئەتراپلىق، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى، ھەتتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق بىر يىغىنغا قىزىقىدىغان ياكى قىزىقمايدىغانلىقى يەنىلا بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا" دەپ كۆرسەتتى.
كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنى بۇ ئورگاندىن يىراقلاشتتۇرۇش
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان خىتاي، سۇدان، زىمبابۇۋى، لىۋىيە، كۇباغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋېلىش ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت سودىسى قىلىدىغان سەھنىسىگە ئايلىنىپ قېلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ پىلانى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە "لۈكچەك دۆلەتلەر" ياكى خىتايدەك كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار ئەللەرنىڭ ئەزا بولۇشىغا قەتئىي چەكلىمە قويۇش ۋە كېڭەشنىڭ فونكىتسىيىلىك رولىنى كۈچەيتىش ئىدى. ئامېرىكا ئىسلاھات لايىھىسى بۇ ئامىللارنى كۆزدە تۇتمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ب د ت دا ئاۋازغا قويۇلغاندا قارشى بىلەت تاشلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئورگانلارغا ئەزا بولۇۋېلىشىنى چەكلەيدىغان مىخانىزىم تەسىس قىلىنمىغان.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون بالتون، "ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھىسى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىز بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان لايىھە، دەپ قارىمايمىز،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ئىسلاھات لايىھىسى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئورگانغا ئەزا بولۇۋېلىشىنى توسىيالمايدىكەن.
ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ قوللىشى
لېكىن ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان مەزكۇر لايىھىنى قوللىدى. ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشىنى "تارىخىي قارار " دەپ ئاتىغان. كوفى ئانناننىڭ ئەسكەرتىشىچە، "بۇ قارار ب د ت نى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىدە كېرەكلىك بولغان دەۋر بۆلگۈچ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگۈسى " ئۇ، دۈشەنبە كۈنى Wall Street Journal گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، يېڭى ئىسلاھات لايىھىسى بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى قىيىنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا سايلام بىلەن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشى دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىقى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت نىڭ يېڭى قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خىزمىتىنى رەسمىي باشلايدۇ. ب د ت ئومۇمى يىغىنى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنى مەخپىي بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى بويىچە سايلاپ چىقىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى، خىتايدا تەن جازاسى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، دېدى
- زامانىمىزدا تېررورچىلىق بىلەن قوراللىق توقۇنۇش - بىخەتەرلىك، تەرەققىيات ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ناچارلاشماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشمەكتە
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى
- ب د ت ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى زىيارەت قىلدى