ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى قۇشلاردا بايقالغان 5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا كۆپ ئېغىركەن.

ئۆلگەن قۇشلار ھۆكۈمەت مەلۇماتىدىن بەش ھەسسە كۆپ

يېقىندا چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، قۇش زۇكامىدا ئۆلگەن كۆچمەن قۇشلارنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدىكى ساندىن بەش ھەسسە كۆپ، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايلاردا قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن چىڭخەي كۆلىدىكى كۆچمەن قۇشلارنىڭ سانى 5000 غا يېتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 - ئايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن قۇشلارنىڭ سانى 1000 ئەتراپىدا، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە چاقىردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور. جۇلىي خوللنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كۆچمەن قۇشلاردا تۇنجى قېتىم بۇ قەدەر زور كۆلەمدە بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، "ۋىرۇستىكى ئۆزگۈرۈش ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلمەيمىز،" دېدى.

جۇلىي خولل ، خىتاي دائىرىلىرىنى كۆچمەن قۇشلار ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كۆچۈشتىن بۇرۇن، قۇشلار توپى ئۈستىدىن H5N1 تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىشكە چاقىرغان. ئۇ، " بىزنىڭ بۇ جايدىكى قۇشلار ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قايسى قۇشلارنىڭ ۋىرۇس ئېلىپ يۈرىدىغان، قايسىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىش پۇرسىتىمىز بار. پۇرسىتىمىز ناھايىتى چەكلىك، پەقەت 2 - 3 ئايلا ۋاقتىمىز بار،" دەپ كۆرسەتتى.

قۇشلاردىكى ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە تارقىلىش مۈمكىنچىلىكى بار

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، چىڭخەي كۆلىدىكى قۇشلار ئەتراپتىكى جايلارغا كۆچۈش جەريانىدا ئۆزىدىكى ۋىرۇسنى باشقا ھايۋانلارغا يۇقتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خەنك بېكىدامنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىشىچە، چىڭخەيدە بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى كىشىنى پەۋقۇللادە ئەندىشىگە سالىدىكەن. ئۇ، " بۇ قۇشلار مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئۇچالايدۇ، بۇ ئەھۋال بەزى مەسىلىلەرنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن،" دەپ تەكىتلىدى.

شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيادا قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى ئون مىليونلىغان ئوي قۇشلىرى ئۆلتۈرۈلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلار ياكى قۇشلارغا يېقىنلاشقان كىشىلەرگە يۇقۇدىكەن. 2003 - يىلدىن بېرى ۋېيتنام، تايلاند ۋە كامبودژالاردا 54 كىشى مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلگەن.

خىتايلار د س ت نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى

مەزكۇر ۋىرۇس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك ۋە سانجى شەھەرلىرىدىكى باقمىچىلىق پېرمىلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن بايقالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئەھۋالنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتاي تىلىدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا كېسەل تارقالغانلىقىنى خەۋەر قىلمىدى شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كېسەل تارقالغان جايلارنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلدى.

قۇش زۇكام ۋىرۇسى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاپەت پەيدا قىلالايدۇ

تىببئىي مۇتەخەسسىسلەر، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئىنسانلارغا تېخىمۇ ئاسان يۇقۇدىغان ھالەتكە كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماتىكەن. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى يەر شارى بويىچە نەچچە مىليون ئىنساننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭخەي كۆلى ئەتراپىدىكى رادىئۇسى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىنى ئاپەت رايونى، دەپ ئېلان قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر 12 قۇش بىلەن ئىككى ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قۇشلار ئاز ئۇچرايدىغان ياۋايى قۇشلار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ قۇشلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىيمىغان.

خىتاي ئاماتىدىننى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتايدا بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى خىتايدا سارس كېسىلى تارقانغانلىقىنى يوشۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر كېسەللىك باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ، دۇنيا بويىچە 800 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى دىھقانلارنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسى بىلەن ھايۋانلىرىنى داۋالاپ، قۇش زۇكان ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئادەملەر ئىشلىتىدىغان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىسىنى ئۆي ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىش، مەزكۇر دورىنىڭ ئادەملەرگە تەسىر قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدىكەن. (ئەركىن)