ب د ت ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى زىيارەت قىلدى


2005.08.29

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور)Louise Arbour ( خانىم 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى باشلىغان بۇ زىيارىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىلىق، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدىكەن. لۇئىس ئاربور پەقەت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەنلا كۆرىشىپ قالماي، يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى شۇنداقلا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرىشىدىكەن.

كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلارنى داۋاملىق ھالدا قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەت رايونىدىكى ئۆكتىچىلەرنى ھەر زامان قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىز ھالدا باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى ئويلىغان.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك

نيۇ يوركتا نەشر قىلىنىدىغان "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلى نىڭ باش تەھرىرى، خىتاي دېموكراتى شۆ ۋېي ئەپەندى "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا بېرىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. ئۇلار بۇندىن ئىلگىرىمۇ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە كۆپ قېتىم بارغان. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دۇنيادا ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى" دەپ كۆرسەتتى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي دېموكراتى شۆ ۋېي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە " خىتايدا ئەزەلدىن كىشىلىك ھوقۇق دېگەن نەرسە بولۇپ باقمىغان. خىتايدىكى كىشىلەرنى باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ھېچقاچان ھەقىقىي ئىنسانىي ھايات كەچۈرۈپ باقمىغان. چۈنكى ئۇلاردا تا بۈگۈنگە قەدەر سۆزلەش ئەركىنلىكىمۇ بولمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى بىر قەدەر ياخشىلاپ، سىرتقى دۇنياغا كۆرسەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە كەڭ يېزىلاردىكى ۋە چەت ئۆلكىلەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا كەلسەك، يەنىلا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھالەتتە. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنى خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك " دەپ بىلدۈردى.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقانلار ئاز سانلىق مىللەتلەر

خىتاي دېموكراتى شۆۋېي ئەپەندى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

" تىبەتتىكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلارمۇ خىتاي مىللىتىگە ئوخشاش ھېچقانداق ئىنسانىي ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمىدى. ئۇلار ھەتتا خىتاي مىللىتىدىنمۇ بەكرەك زەربىلەرگە ئۇچرىماقتا. مانا بۇ مىللىي كەمسىتىش. كوممۇنىست خىتاينىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، خىتاي مىللىتىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىپ، ئۇلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىدىغان بولغان. شۇڭا مەنچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە بولۇۋاتقانلار ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار خىتاي مىللىتىدىنمۇ ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولماقتا. ئەلۋەتتە كوممۇنىست خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي مىللىتى ئۆزىمۇ ھېچقانداق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمان بولالماي كەلمەكتە".

ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار تېررورچى ئاتىلىپ، باستۇرۇلماقتا

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشى خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغايدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن قانداق قىلىش مەسىلىسى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە باغلىق. " دەپ تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :

" خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى سەزمەيدۇ دەپ، تۈرلۈك باھانىلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، ئىلگىرىكىدەك : " ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار " دەيدىغان گەپلەرنى ئازايتتى. لېكىن ئۇلار يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، بولۇپمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن باھانە بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرماقتا. ئۇلار تاشقى دۇنياغا مەزكۇر رايوندىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت بۇخىل مەسىلىلەرنى چوقۇم يېقىندىن كۈزىتىشى كېرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى بۇنداق دەپسەندە قىلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىقى كېرەك !"

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 3 - ئايدىلا " خەلئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەھدىنامىسى " نى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۇزگەن. لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت، ئۆز ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈنلا ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى لۇئىس ئاربور خانىمنىڭ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى، يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان 8 - قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.