ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى


2005.11.28
abduxelil-abdumijit-150.jpg
1997-يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسىدىكى ئاساسلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ئابدۇجېلىل ئابدۇمىجىت 2000 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر كۈنى چاپچال تۈرمىسىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك، بېيجىڭ ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

مانفرىد نوۋاكنىڭ رايوندا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا تەرەپلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە پىركىرلەرگە ئىگە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، "ب د ت ئەمەلدارىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش پائالىيىتى تەن جازاسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر پۇرسەت" دەيدۇ.

خىتايدىكى ئەڭ دەھشەتلىك تۈرمىلەر خىتايدا

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بويىچە ئەڭ دەھشەتلىك تۈرمىلەر ۋە ئەڭ ئېغىر تەن جازالىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا يۈز بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇرلار ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى نىكولاس بېكيۇلىننىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىگەن سۆزى بىلەن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا "ناھايىتى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا، ئۇيغۇر مەھبۇسلار ياكى دۆلەت دۈشمىنى ياكى بۆلگۈنچىلەر، دەپ قارلماقتا".

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سىستېمىلىق تۈردە دەھشەتلىك ئۇسۇللار بىلەن تەن جازاسى بەرمەكتىكەن. دىلشات رىشىت "خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى چەكلەشكە دائىر ئەھدىنامىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە شەرتسىز رىئايە قىلىشى كېرەك " دەيدۇ. دىلشات رىشىت، ب د ت ئەمەلدارى رايوندا " تەن جازاسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئېرىشمىكى تەس" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىقىنىڭ ئۆزىنى قارشى ئالدى.

مانفىرد نوۋاك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمى قارشى ئالدى

مانفىرد نوۋاكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچى ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، بۇ جايلاردىكى مەھبۇسلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەرباپلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ، گۇئەنتانامودىكى تۇتقۇنلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەلىپىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغان مەھبۇس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ماختىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت ئەمەلدارىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا "ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەھبۇسلارغا ب د ت ئەمەلدارى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن "ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقى" مۇقەررەر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ بېيجىڭ، لخاسا، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈلىدىغان تۈرمىلەرنى ئۆز ئىختىيارىچە تاللاش، مەھبۇسلار بىلەن خالى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى سەندوڭدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈشى بىكار قىلىندى.

خىتاي دائىرىلىرى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلماقتا

نوۋاكنىڭ ئۇچرىشىش پىلانىدىكى بەزى كىشىلەر خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت ئەمەلدارىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

مانفرىد نوۋاك، تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىشى كېرەك. ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ب د ت ئەمەلدارىنىڭ رايوندىكى سەپىرى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى.

نوۋاكنىڭ ئەتراپىدىكى ياردەمچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرمىنى ۋاقتى كەلمىگىچە ئېلان قىلمايدىكەن.

نوۋاكنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش پائالىيىتى پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ، تىبەت ئاپتونوم رايونىدا 3 كۈن، بېيجىڭدا 4 كۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. مانفرىد نوۋاك پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۈمە كۈنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىگە مەلۇمات بېرىدۇ.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.