خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن قانۇن ئىسلاھاتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
2005.08.31

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالى كومىسارى بىلەن، خىتاي قانۇن سېستىمىسىنى ب د ت نىڭ "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى ئەھدىنامىسى" غا ماسلاشتۇرۇش ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالى كومىسارى لۇئىس ئاربور بىلەن، بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي دىپلوماتىك ئەمەلدارى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان.
ب د ت خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەلىم - تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ
لۇئىس ئاربورنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ نىشانى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى ئەھدىنامىسى" غا تېزرەك ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چارشەنبە كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ " تۈرمە جازاسى ئورنىغا باشقىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىش، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئادۋوكاتلار قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى" ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا كىشىلىك ھوقۇقى دەرسى تەسىس قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاربور، خىتايدىن بالىلار ۋە ئاياللارنى ئېلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
لۇئىس ئاربورنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىدا، خىتاي ۋە شۇنىڭ قاتارىدىكى "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقى ئەھدىنامىسى" نى ئىمزالىمىغان دۆلەتلەرنى، يەر شارى بويىچە ئۆزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېلىپ- سېتىش قىلمىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىشكە چاقىردى. لۇئىس ئاربور، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئېلىپ- سېتىش قىلمىشىنى " ۋەھشىلەرچە جىنايەت،" دەپ ئەيىبلىگەن. ئاربور بۇ قىلمىشنى " كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىز دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر"، دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئادەم سودىسى ئاسىيا رايونىدا بۇرۇنقىغا قارتىغاندا تېخىمۇ كۆپەيگەن.
ب د ت ئالى كومىسارى، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئەمەگەك لاگىرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى
لۇئىس ئاربور خانىم شۇ كۈنى خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ب د ت ئالى كومىسارىنىڭ باياناتچىسى دىئازنىڭ "ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" غا تەكىتلىشىچە، ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لۇئىس ئاربور، چارشەنبە كۈنى جوڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، جوڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، بېيجىڭ بالىلارغا قانۇنى ياردەم بېرىش ۋە تەكشۈرۈش مەركىزى، بېيجىڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئاياللار ھوقۇقى تەتقىقاتى ۋە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەرەپ تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي قانۇن ئىسلاھاتىدىن ئۈمىدسىز
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە مەسۇلى مارك ئەللىسېن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" نى يېقىن ئارىدا تەستىقلىشىغا ئۈمىدسىز قارايدىكەن. ئۇ، خىتاي قانۇنلىرىدا ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ب د ت مەزكۇر ئەھدىنامىنى 1960 - يىللاردا ماقۇللىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا 1998 - يىلى ئىمزا قويدى. خىتاي قانۇنلىرى بويىچە مەزكۇر ئەھدىنامە خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلانغاندىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
خەلق قۇرۇلتىيى نېمە ئۈچۈن "خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى" نى ھازىرغىچە تەستىقلىمايدۇ؟ ئامېرىكا ساراكيۇز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىي بويىچە دوكتور ئوقۇغۇچىسى قىلىچ قانات بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى، باشقا پارتىيىلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھوقۇق بېرىشى كېرەكلىكىنى، بىراق خىتاينىڭ بۇلارنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېييتى.
خىتاي، ئاربورنىڭ زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئالدى
كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلار ب د ت ئالى كومىسارى قونغان مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىنى كونترول قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ لۇئىس ئاربور خانىمغا يېقىنلىشىشىنى چەكلىگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار خاۋ ۋېنجۇ، ليۇ شياۋبو، ليۇ دى قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى نەزەربەت قىلغان بولۇپ، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇلارنىڭ لۇئىس ئاربور بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ " يۈزىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنى" قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نەزەربەنت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسى: خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ
بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى " خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى ئۈلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىش،" دەپ تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئايال باياناتچىسى، " ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئوچۇق - ئاشكارە دەپسەندە قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،" دېدى.
ئايال باياناتچىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى ۋەدىلەر بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتىنى جەريانىدا ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى
- ب د ت ئەمەلدارى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رە ئىسى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- ب د ت ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ
- كانادا پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى