بىلگىيىدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىلگىيىدىكى لىيۇۋىن ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن لىيۇن ئۇنىۋېرىسىىتېتنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى فاكولتېتىنىڭ يىغىن زالىدا «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2012- يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۇنى بىلگىيە لەۋۇن ئۈنىۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
2012- يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۇنى بىلگىيە لەۋۇن ئۈنىۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Arslan

بۇ يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرىىسىتېتى تىل ۋە تارىخ - جۇغراپىيە فاكولتېىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا بىلگىيىدە ياشايدىغان تۈركلەردىن 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئاخباراتچىلار، بىلگىيە ۋە گوللاندىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتتى. دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆزىدە، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇس بىلەن خىتايلار تۈركىستاننى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەنلىكىنى. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نامىنى شىنجاڭ دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، 1933 - يىلى قەشقەردە 1944 - يىلى غۇلجىدە شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ پەقەت قەغەز ئۈستىدىكى ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولۇپ، ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ھەر تۈرلۈك ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياستى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خۇسۇسەن، دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېغىر دەرىجىدە ئاسسىملىياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى يىللاردا بۇ ھەقسىزلىقلار شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنياغا ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كەلمىگەنلىكىنى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە 1990 - يىللاردا سۇۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق بولغانلىقىنى، خۇسۇسەن دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى بېسىم سىياسەتلىرى تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى، قەدىمى تۈرك مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت تارىخى يادىكارلىقلار ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى توغىرىسىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلاردا كەڭ تۈردە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشىكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىلغانلىقىنى، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەتقىقاتلار باشلانغانلىقىنى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار كۆپ ساندا كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كېلىشىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر قارار ئېلىنغانلىقىنى، 497 - نۇمۇرلۇق بۇ قاراردا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دېيىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە 50 يىلدىن بۇيان تۈركىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن بىلىنمىگەنلىكى، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىشى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان لىئۇۋىن ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان دۆنمەس ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇراخمان دۆنمەس ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، بىلگىيىدە ياشايدىغان تۈرك خەلقنى خۇسۇسەن تۈرك ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇنتۇلۇپ قالغان بىر مەسىلە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تۈركىيىدە يېتەرلىك دەرىجىدە يىغىن، خىزمەت - پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ياۋرۇپادا ئانچە كۆپ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلمىدى، خۇسۇسەن ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان تۈرك خەلقلەر ئارىسىدا بۇ خىل يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ كەمچىلىكنى ھېس قىلىپ بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە «تارىختىىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى» توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىغىن بەك ياخشى ئۆتتى، يىغىنغا پەقەت ئوقۇغۇچىلار ئەمەس، بەلكى سىرتتىن كۆپ ساندا تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ئابدۇراخمان دۈنمەس ئەپەندى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشقا نېمە سەۋەب بولدى دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئەرەب باھارى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى دېگەنگە ئوخشاش ھەر تۈرلۈك ئوخشىمىغان مەسىلىلەر بار، ئەمما 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ، مۇھىم ئەمما ئۇنتۇلغان بىر مەسىلە ئىدى، 2009 - يىلدىن كېيىن كۈنتەرتىپكە كەلدى دەپ ئويلايمەن، مەيلى تۈركىيىدە، مەيلى ياۋرۇپادا بولسۇن تۈركلەر ئارىسىدا بۇ مەسىلە قايتىدىن ئەسلىتىلدى، ھەر كىم قىزىقىشقا باشلىدى، بىزمۇ ياۋروپادىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا ياشاۋاتقان تۈركلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقىمىز، بىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى بەك ئەھمىيەتلىك بىر مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپلەپ يىغىن، مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ مەسىلىگە قارىتا بىر كەمچىلىكنى تولۇقلاشنى ئويلاشتۇق.

ئابدۇراخمان دۈنمەس ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلايسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا ئېلىشى كېرەك. مىللىي مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى دېيىشنى خالايمەنكى، پەقەت تۈركىيىدە ياشىغان تۈركلەر ئەمەس، بەلكى ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ، بىلگىيىدە ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچقاچان ئۇنۇتمايمىز، ئۇلار ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن باشقا ئىنسانلاردەك خاتىرجەم، تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇلارغا بىلگىيىدىكى تۈركلەردىن سالام يوللايمەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت