سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00
ButtoXanim-200.jpg
سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى، خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بەنەزىر بۇتتو پەيشەنبە كۈنى راۋالپىندىدا سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. AFP Photo

سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى، پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇھ - خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بەنەزىر بۇتتو پەيشەنبە كۈنى راۋالپىندىدا سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. بۇتتو بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۇزۇن مەزگىللىك سۈرگۈن ھاياتىدىن كېيىن پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ، كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشماقچى ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇتتونىڭ ئۆلۈمى سىياسى كىرزىس پاتقىغىدىكى پاكىستان ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۈمكىن.

بەنەزىر بۇتتو، ئائىلىسىدە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇربان بولغان 4 - كىشىدۇر

پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى لاياقەت باغچىسىدا بومبا پارتلىغان ۋە بۇنىڭ بىلەن تەڭلا سالاھىيىتى ھازىرغا قەدەر نامەلۇم بىر ئادەم ياكى ئادەملەر بەنەزىر بۇتتونى ئوققا تۇتقان مەزگىلدە، بۇتتو خانىم لاياقەت باغچىسىدىكى مەيداندا پاكىستان خەلق پارتىيىسى قوللىغۇچىلىرىغا سۆزلىگەن سايلام نۇتۇقىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ھەم ئاپتوموبىلىغا چۈشۈپ مەيداندىن ئايرىلماقچى بولۇپ تۇراتتى. ۋەقەدە بۇتتو خانىم بومبا پارتلاشتىن ئامان قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سۈيقەستچىلەرنىڭ ئاتقان ئوقىدا ئۆلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن لاياقەت باغچىسى پاكىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لىياقەتخاننىڭ نامىغا بېرىلگەن جاي بولۇپ، نەق مەيداندىكى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ ئاز دېگەندە 20 دەك قوللىغۇچىسى بومبا پارتلىغاندا ئۆلگەن.

ButtoXanim-Jinaza-200.jpg
بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ جىنازىسى. AFP Photo

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئابدۇسالام ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بۇ بەنەزىر بۇتتونىڭ پاكىستانغا قايتىپ كەلگەندىن بېرىقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم سۈيقەستكە ئۇچرىشى بولۇپ، ئۇ پاكىستان سىياسىي سەھنىسىدىكى مەشھۇر بىر ئائىلىنىڭ ئەۋلادى شۇنداقلا بۇ ئائىلىدە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇربان بولغان 4 - كىشىدۇر. بەنەزىر بۇتتونىڭ دادىسى، پاكىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىرى زۇلپىقار ئەلى بۇتتو 1974 - يىلى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى زىيا ئۇلھەقنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشىدە ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش جىنايىتى بىلەن دارغا ئېسىلغاندا بۇتتو خانىم تېخى 20 ياشلاردىكى ياش قىز ئىدى. بۇتتونىڭ ئۆلۈمى پاكىستان خەلق پارتىيىسى قوللىغۇچىلىرىنىڭ شىددەتلىك ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. پاكىستاننىڭ بەزى شەھەرلىرىدە بۇتتونىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئۇرۇپ - چاققان.

ناۋاز شەرىپ: "پاكىستان ئۈچۈن بىر تراگېدىيە"

پاكىستاندىكى 2- چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە- مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ناۋاز شەرىپ، بۇتتونىڭ ئۆلۈمىنى "پاكىستان ئۈچۈن بىر تراگېدىيە" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ۋەقەنى " بىر ماتەملا ئەمەس، پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈن " دەيدۇ. بۇتتو خانىم سۈيقەستكە ئۇچرىغان شۇ كۈنى ناۋاز شەرىپ راۋالپىندىدا ئىدى.

ButtoXanim-Saylam-200.jpg
بەنەزىر بۇتتو خانىم سايلام يىغىلىشىدا. AFP Photo

بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە "ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار،" دەپ ئەيىبلىگەن ناۋاز شەرىپ، ھۆكۈمەتنى ئۇنىڭ "بىخەتەرلىككە سەل قاراش" بىلەن ئەيىبلىمەكتە. پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئابدۇسالام، پاكىستان مەتبۇئاتلىرىغا ئاساسەن بەرگەن مەلۇماتىدا ئەسكەرتىشىچە، ناۋاز شەرىپ كېلەر ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپ بۇتتوغا سۈيىقەست قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە كىشىلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى ۋە سۈيىقەستنى "تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتى" دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە بۇتتوغا 3 كۈن ماتەم تۇتۇشنى ئېلان قىلدى.

جورج بوش: "جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار ئادالەت سوتىغا تارتىلىشى كېرەك"

بۇتتوغا سۈيىقەست قىلىش ۋەقەسى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، دۇنيادىكى بىردىن - بىر مۇسۇلمان يادرو قوراللار دۆلىتى پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى بۇ ئەللەردە ئەندىشە قوزغىماقتا. پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋەقەنى پاكىستان دېموكراتىيىسىگە قارشى "ۋەھشىيلەرچە ھەرىكەت" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، "قوشما شىتاتلار دۆلىتى پاكىستان دېموكراتىيىسىگە قارىتىلغان بۇ ئەسەبىي جىنايەتچىلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھەرىكىتىنى كەسكىن ئەيىبلەيدۇ. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلار ئادالەت سوتىغا تارتىلىشى كېرەك"دەيدۇ.

ButtoXanim-Ot-200.jpg
بەنەزىر بۇتتو خانىم سۈيىقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن كوچىلاردىكى نارازىلىق ھەرىكەتلەر. AFP Photo

نۆۋەتتە كېلەر ئايدىكى پاكىستان پارلامېنت سايلىمىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش - ئۆتكۈزمەسلىكنىڭ ئۆزى يەنە بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ ۋاقتى قەرەلى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاندا ئەڭ توغرا يولنىڭ دېموكراتىك مۇساپىنى داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تام كەيسېي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا دېموكراتىك مۇساپىنى"مەلۇم شەكىلدە كېچىكتۈرۈش ياكى دېموكراتىك مۇساپىغا ئالاقىدار كىچىكىشلەر بۇ ۋەقەگە جاۋابكار ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ غەلىبىسى بولۇپ قالىدۇ "دېدى. تام كەيسېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس شۇ كۈنى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ ھازىرقى رەھبىرى، بەنەزىر بۇتتونىڭ ۋارىسى ئەمىن فاھىمغا تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىدايەت: "پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى"

سۈيىقەست ۋەقەسىنى كىملەرنىڭ پىلانلىغانلىقى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى نامەلۇم بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ۋەقەگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئەپەندى، تۆۋەندىكى كۈچلەرنىڭ سۈيىقەست پىلانلاش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش سېپىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقچىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا مۇھىم تېخنىكا ۋە قورال-ياراقلار خېرىدارى ئىدى. بۇتتو خانىمنىڭ دادىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتو 1974 - يىلى دارغا ئېسىلغاندا ئەينى چاغدىكى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىگە ئۇنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىكى ھىدايەت ئوغۇزخان، ئۇزۇن يىللار پاكىستاندا ئىلىم تەھسىلى بىلەن شۇغۇللانغان زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، بۇتتو نېمە ئۈچۈن سۈيقەستچىلەرنىڭ نىشانىدىكى ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

بەنەزىر بۇتتو بۇ يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇزۇن مەزگىللىك سۈرگۈن ھاياتىدىن كېيىن پاكىستانغا قايتقاندا پرېزىدېنت مۇشەررەپ بىلەن ھوقۇقنى بۆلۈشىدىغان، مۇشەررەپ بۇتتونى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلىدىغان بولغان ئىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇتتو بىلەن مۇشەررەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم بۇزۇلۇپ، بۇتتو پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى كاراچىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەم ۋەقەدە 130 ئادەم ئۆلگەن. لېكىن بۇتتو شۇ قېتىمقى سۈيىقەستتىن ئامان قالغان ئىدى. (ئەركىن)