بەنەزىر بۇتتو دادىسى زۇلفىقار ئەلى بۇتتونىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى


2007.12.28

تۈنۈگۈن سۈيقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو بۈگۈن ئۆز يۇرتى گارھى خۇدا بېھىشتىكى دادىسى زۇلفىقار ئەلى بۇتتونىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. بۇتتو خانىمنىڭ مېيىتى سېلىنغان تاۋۇت ئۈستىگە ئۇنىڭ پارتىيىسى - خەلق پارتىيىسىنىڭ بايرىقى يېپىلغان ئىدى.

بەنەزىر خانىمنىڭ مېيىت نامىزىنى ئۇزىتىشقا نەچچە مىڭ ھازىدار قاتناشتى

بۇتتو خانىم پاكىستاندا 2008- يىلى 8- يانۋار ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن راۋالپىندى ئۆلكىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سۈيقەستكە ئۇچرىغان بولۇپ، پاكىستان پرېزىدېنتى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئۈچ كۈن دۆلەت ماتىمى تۇتۇشنى بىلدۈرگەن ۋە بۇتتونىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن غەزەپكە كەلگەن ئاممىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە سەبرە قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇتتو خانىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇتتو خانىمغا مۇشەررەپ قەست قىلدى دەپ تونۇغاچقا پاكىستاندا ھەرخىل شەكىلدىكى قان تۆكۈلۈش جۈمە كۈنىگىچە داۋام ئەتتى. نەتىجىدە ئاممىۋى قاتناش توختىتىلدى ۋە بازارلار تاقالدى.

بەنەزىر خانىمنىڭ مېيىت نامىزىنى ئۇزىتىشقا ئۇنىڭ يولدىشى، ئۈچ بالىسى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارغا نەچچە مىڭ ھازىدار جور بولغان بولغاچقا قارىماققا پۈتۈن پاكىستان ماتەمگە چۆمگەندەك قىلاتتى.

بەنەزىر بۇتتونىڭ قەستكە ئۇچرىشىغا قارىتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەيىبلەشلەر مەيدانغا كەلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، ۋاشىنگتوندىن دېھلىغىچە، لوندوندىن كابۇلغىچە بەنەزىر بۇتتونىڭ قەستكە ئۇچرىشىغا قارىتا ئەيىبلەشلەر تەرەپ-تەرەپتىن تۆكۈلۈشكە باشلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى بىلەت تاشلاپ، مەزكۇر قاتىللىقنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى قاتىللىققا سەۋەبچى كىشىلەرنى ئادالەت سوتى ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتە ئورتاق ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆز خەلقنى دېموكراتىيىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى گوردون براۋن: "بۇتتو دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممە نېمىسىنى دوغا تىكتى. مانا ئۇ ھازىر ئاشۇ دېموكراتىيىدىن قورقۇدىغان توخۇ يۈرەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى" دېدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ: "بۇ زېمىن دېموكراتىيە ئۈچۈن تەر تۆككۈچى ۋە ئۆز دۆلىتىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلگۈچىدىن ئايرىلدى"

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ، بۇتتونىڭ ئورنىنى ھەر قانداق بىر پاكىستانلىقنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "بۇ زېمىن دېموكراتىيە ئۈچۈن تەر تۆككۈچى ۋە ئۆز دۆلىتىگە تىنچلىق ئېلىپ كەلگۈچىدىن ئايرىلدى" دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بەنەزىر بۇتتونىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ يېزىلغان " بۇتتونىڭ ئەنسىز ھاياتىنىڭ تراگېدىيىلىك خاتىمىسى" ناملىق ماقالىدە ئۇ، ۋەتەنپەرۋەر ۋە جەسۇر ئايال دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ماقالىدە يەنە، غەرب دۇنياسىغا نىسبەتەن بەنەزىر بۇتتو پاكىستاننىڭ ئوبرازى، ئاياللار ھوقۇقىنىڭ يولباشچىسى ۋە زامانىمىزدا بىر مۇسۇلمان دۆلەتنى يېتەكلەش غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن تۇنجى ئايال دەپ تەرىپلەندى.

مۇشۇ ھەپتە سەيشەنبە كۈنى بەنەزىر بۇتتو بىلەن ئىسلامئابادتا كۆرۈشكەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي، بۇتتو خانىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئىچ ئاغرىقى تارتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بۇ جەسۇر سىڭلىمىز مۇشۇ رايون ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتا قىلدى" دېدى.

بۇتتو خانىم: " ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەم مۇشەررەپ مەسئۇل"

س ن ن نىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمدا ھايات قالغان بۇتتو خانىم س ن ن دىكى ئۇزۇن يىللىق دوستى مارك سەئىگەلگە يازغان خېتىدە، مۇشەررەپنىڭ ئۇنى قوغداشقا يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالمىغانلىقىنى ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە مۇشەررەپنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب ب س دا كۆرسىتىشىچە، بۇتتو خانىمنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇتتو خانىمنى مۇشەررەپ ئۆلتۈردى دەپ قارايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن پۈتۈن پاكىستان مىقياسىدا نۇرغۇن جايلاردا نامايىشلار بولۇپ ئۆتكەن. سىندھ ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار پويىزىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن ۋە كاراچىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.

بۇ خىلدىكى نامايىش مۇلتان ۋە پۇنجاب ئۆلكىلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر پاكىستاندا يەنە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش زۆرۈر دەپ قارىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق سايلام تەشكىللەش ئورنىدىكى تەھلىلچى ئىجاز گىلانى ئەگەر مۇشەررەپ نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن يەنە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزسە تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئەل قائىدە تەشكىلاتى بۇتتو خانىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرچە ئەل قائىدە تەشكىلاتى كوماندىرى مۇستافا ئابا ئاليازىد بۇتتو خانىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئەل قائىدىنىڭ بۇ باياناتى ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەنەزىر بۇتتونىڭ ھاياتىغا بىر نەزەر

بۇتتو خانىم 1953 ‏- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1988 ‏- يىلى 35 يېشىدا پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئەمما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئەينى ۋاقىتتىكى پاكىستان پرېزىدېنتى غۇلام ئىساقخان تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

ئۇ 1993- يىلى پاكىستانغا ئىككىنچى قېتىم باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان بولسىمۇ، لېكىن 1996- يىلى ئوخشاش گۇناھ ئارتىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە 1998- يىلىدىن باشلاپ دۇبەي شەھىرىدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 18- ئۆكتەبىر ۋەتىنى پاكىستانغا قايتىپ كېلىپ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نۇتۇق سۆزلەپ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.

بەنەزىر بۇتتو خانىم پاكىستانغا قايتقاندىن بۇيان ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق ھۇجۇمدا ساق قالغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى قېتىملىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇتتو خانىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا زەخمىگە ئۇچرىماي ھايات قالغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قاتىل ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتىن ئىلگىرى بۇتتو خانىمغا ئاتقان ئوق ئۇنىڭ بوينىغا ۋە كۆكرىكىگە تەككەن.

ناۋاز شېرىف ئەپەندى سايلامنى بايقۇت قىلدى

2008- يىلى 8- ئاۋغۇست پاكىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەزكۇر سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نامراتلارنىڭ بىرسى بولغان بۇتتو خانىم قەستكە ئۇچرىغان ۋە يەنە بىر نامزات ھەمدە سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شېرىف ئەپەندى بۇ سايلامنى بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.