بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن تاش يۈرەك خىتاي ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىرسىيەتلىك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىز بوۋاقنى، يولدىن تېپىۋىلىپ، بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدا جەبرى-جاپالار چېكىۋاتقان ئابلىز نۇرەكنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك.قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە نامرات ئەمما رازىمەنلىك بىلەن ياشاۋاتقان پەرىشتە سۈپەت بۇ دېھقان بوۋاي يېقىندا خىتايدىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان بولۇپ باھالانغاندىن بۇيان ئۇنىڭ نامى، سىماسى ۋە ئۇنىڭ تاشلىۋېتىلگەن كېسەلچان خىتاي قىزىنى بېقىۋېلىش ھېكايىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىلا ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋىزىسىدىمۇ پات -پات كۆرۈلىدىغان بولدى.
ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مەقسەت مۇددىئادىن يىراق، ئەقەللىي ئادىمىيلىك پەزىلەت،مۇسۇلمانلىق ئەخلاق، ئىنسانىي مۇھەببەت بولغانلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىلگەن ئادەم بالىسىغا مېھرىنى بەرگەن بۇ بوۋاي، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنلىرىدە يەنە قايتىدىن، خىتاينىڭ كومپارتىيە روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە.
ئابلىز بوۋاينىڭ ھېكايىسى
قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازار يېڭى ئاۋات كەنتىدە بۇ يىل 74 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، ئاپپاق ساقاللىق چېھرىدىن مېھرىبانلىق، ساددىلىق، سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان، تىپىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئوبرازىغا ئىگە بىر بوۋاينىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرچە كىيىندۈرۈپ قويۇلغان 10 ياشلاردىكى بىر خىتاي قىزىنى قولىدىن تۇتۇپ ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى، تۇرۇپ -تۇرۇپ ئۇ نەۋرىسىنى ئەكىلەتكەندەك،ئۇ قىزغا مېھىرلىك بېقىپ، چاچلىرىنى سىلاپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.
بۇ بوۋاي، بۇ يىل خىتايدىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان باھالانغان ئابلىز نۇرەك، ئۇ داۋاملىق يېتىلەپ يۈرۈدىغان يېنىدىن ئايرىمايدىغان بۇ خىتاي قىز بولسا ئۇنىڭ 10 يىل ئىلگىرى ئېتىزلىقتىن تېپىۋىلىپ بېقىۋالغان خىتاي قىزى، ئابلىز بوۋاي ئۇ قىزغا ئايبۇلاق دەپ ئىسىم قويغان. ئابلىز بوۋاي بىلەن ئايبۇلاق ھازىر خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋېزىيسىدىمۇ كۆرسىتىلگەن چولپانلاردىن بولۇپ قالدى.
ئىككى يىل ئىلگىرى بولسا ئابلىز بوۋاي ئائىلىسىنىڭ بۇ تۇغما مەقەت يولى پۈتۈكلۈك كېسىلى بار تاشلىۋېتىلگەن خىتاي قىزنى ئۈن -تونسىز بېقىپ، داۋالىتىش جەريانىدا تۈرلۈك جەبرى-جاپالار چېكىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش يولىدا يەرلىرىنىمۇ سېتىۋەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئابلىز بوۋاي ياشاۋاتقان تەكلىماكان بويىدىكى بوستانلىق بولغان يېڭى ئاۋات كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ،ئابلىز نۇرەكتەك ياشىنىپ قالغان دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ غورىگۈل ئۆتىدۇ ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ ئېسىل پەزىلەتلىك بوۋاي، بۇ بېقىۋالغان خىتاي قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن تارتقان چىقىملىرىنى، جاپالىرىنى ھېسابلىمايدۇ،مىننەتمۇ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايبۇلاقنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم.
ئابلىز بوۋاينىڭ ھېكايىسى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ بىرى
ئابلىز بوۋاينىڭ خىتاي قىزىنى بېقىۋېلىشىدەك بۇ ھېكايە، ئۇيغۇرلاردا يۈز بەرگەن ھەم داۋاملىق يۈز بېرىدىغان مىڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ بىرى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قان قېنىغا سىڭگەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ، مېھرىبانلىقىنىڭ، ئىمانلىق، مۆمىن مۇسۇلمانلىقىنىڭ، ئەنئەنىۋىي مىللىي ئەخلاقىنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولسا كېرەك.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ خىتاي جەمئىيىتىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدا ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ ساپ مېھرى مۇھەببەتتىن يىراقلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئابلىز بوۋاي ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل ئىنسانىي بۇرچنى، ساپ ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەتنى تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
"ئادەتتىكى بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مېھرىبانلىقى"
ئەمما ئابلىز بوۋاينىڭ بۇ خىل شەخسى ياكى سىياسىي مۇددىئالاردىن يىراق، ساپ ئىنسانىي روھىمۇ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن سىياسىي غەرەزلەر ئۈچۈن پايدىلىنماقتا.
چۈنكى خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەۋاتقان خىتاي تەشۋىقاتىدىكى ئابلىز نۇرەك بولسا، ئاتاقتا مېھرىبانلىق ئەلچىسى، ئەمەلىيەتتە بولسا، شىنجاڭ گېزىتىدە "ئادەتتىكى بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مېھرىبانلىقى" دېگەن سەرلەۋھەدە ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابلىز نۇرەك ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، " ئابلىز نۇرەك ئون يىلدىن بۇيان پارتىيە ئەزالىرىغا خاس ئەخلاقى پەزىلىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا، ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا باشلامچى بولۇپ رول ئوينىدى.
ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئۈلگىلىك ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بىلەن يېڭىئاۋاتتا بىرمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋەقەسى يۈز بەرمىدى " دېگەندەك جۈملىلەر بىلەن سۈپەتلەپ، بۇ ئاددى ئەمما، ئېسىل ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە ئىنسانغىمۇ قەستەن سىياسىي تۈس بەرگەن.
"ئۇ بىر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن "
ئۇنداقتا شىنجاڭنى تەسىرلەندۇرگەن ئون شەخسنىڭ بىرى، خىتايدىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان بولغان ئابلىز نۇرەك، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئاددى دېھقان كومپارتىيە ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىلگەن كېسەل بوۋاقنى بېقىۋالدىمۇ؟
بۇ قەشقەرلىق ئۇيغۇر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن خىتاي قىزنى بېقىپ داۋالاش ئۈچۈن جەبرى - جاپا چەكتىمۇ؟
بۇ مۆمىن مۇسۇلمان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ قىزغا مېھرى مۇھەببىتىنى ئايىمايۋاتامدۇ؟
بۇ سوئاللارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ئىش ئىزلىرى بىلەن ھەتتا پۈتۈن خىتاينى تەسىرلەندۈرۈپ مېھرىبان ئىنسان دەپ باھالانغان، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىسى قىلىنغان ئابلىز نۇرەك ئۆزى جاۋاب بېرىشكە ھەممىدىن ھەقلىق.
بۇ تەسىرلىك ھېكايە ئەنە شۇ ئابلىز بوۋاي ئېيتقاندەك، "ئۇ بىر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن " يۈز بەردى. بەلكىم بۇ خىل ئېسىل پەزىلەتلىك سەمىمىي كىشىلەر ئوخشاش جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىق، قەدىرلىنىشكە، ئەزىزلىنىشكە، مەدھىيىلىنىشكە مۇناسىپ روھ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ئەنە شۇ ساپ ئىنسانىي پەزىلەتنىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. (گۈلچېھرە)