بېرمىدىكى بۇددا راھىپلىرى نامايىشتا ئەركىنلىك مارشى ئېيتتى


2007.09.25

marching_parliament-200px.jpg
يۈزلىگەن بېرمىلىق راھىپلار خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللىشى بىلەن نامايىشتا. AFP Photo

بېرمىدا بۇنىڭدىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلىتىلگەنلىكىگە قارشى ئۆتكۈزگەن نامايىشى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىڭلىغان راھىپ، راھىبەلەر خەلقنى قوللاپ نامايىش قىلدى. راھىپلار نامايىشى پۈتۈن خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى باستۇرۇشقا تەييارلاندى. خەلق قولنى ‏- قولغا تۇتۇشۇپ راھىپلارنى ساقچىلاردىن مۇھاپىزەت قىلدى.

بۈگۈن رانگۇن شەھىرىدە كوچىلارغا چىقىپ بېرمىنىڭ 'كۈرەشچان توز' دەپ ئاتىلىدىغان ئەركىنلىك -دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئادەم سانى 50 مىڭدىن ئاشتى. قاتناش توسۇلۇش ھادىسىلىرى يۈز بەردى. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن قوراللىق قىسىملار خەلققە قورال تەڭلەپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا. بېرمىدا يۈز بەرگەن راھىپلار نامايىشىغا ھازىر پۈتۈن دۇنيا جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە.

راھىپلارنىڭ نامايىشىنى ئاڭسەن سۇجى خانىم قوللىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 25 ‏- سېنتەبىر كۈنى رانگۇن شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن بېرمىنىڭ رانگۇن شەھىرىدە دېموكراتىيە مارشى توۋلاپ نامايىشقا چىققان راھىپ ۋە راھىبەلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا تاڭگوك قاتارلىق بىرنەچچە شەھەردىمۇ 40 مىڭغا يېقىن راھىپ -راھىبە بىرلا ۋاقىتتا كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. بۇ بېرمىدا 1988 ‏- يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن گېنېرال جۇنتانىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەڭ چوڭ نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇنتا ھۆكۈمىتى 1998 ‏- يىلى دېموكراتىك نامايىشنى باستۇرۇپ 3000 ئادەمنى قىرغان ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھەربىي قىسىملار ھازىر پۇرسەت كۈتمەكتە. پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىي جاسۇسلىرى نامايىش قوشۇنى ئىچىگە كىرىپ ۋەقە چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا.

ھازىرقى بۇ نامايىش ‏-‏- بېرمىدا ھەربىي ھۆكۈمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ بىردىنبىر ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇپ قالدى ھەمدە 18 يىللىق دېموكراتىك پائالىيىتى جەريانىدا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 11 يىل نەزەربەنتكە ئېلىنغان، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭسەن سۇجى خانىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

خەلقئارانىڭ بېرما ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنكاسى

ب د ت تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن 24 ‏- سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىدا تىنچ شەكىل بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان راھىپلار نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە نامايىشنى باستۇرۇشقا تەييارلانغان بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بروسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ياۋرۇپا بىرلىكى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك نامايىشنى باستۇرۇشقا تەييارلانغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە بېرما ھۆكۈمىتىنى مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۈگۈن ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، ب د ت نى ئەركىنلىك ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بېرمىدىكى دىنى ئەركىنلىكنى قوغداشقا ۋە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە جازا قوللىنىشقا چاقىرغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار منىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭيۈ 9 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى، دۆلىتىمىز بېرمىدا ۋەزىيەتنىڭ تېزلىكتە مۇقىم قىلىنىشىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، دېگەن.

بېرمىدا 40 يىلدىن بۇيان ھەربىي قىسىملار ھوقۇق تۇتۇپ كەلمەكتە

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، بېرما مىلادى 1044 ‏- يىلى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1937 ‏- يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاندىن قايتىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىققان. ھازىرقى بېرمىنىڭ يەر كۆلىمى 679 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز چېگرىسى 3200 كىلومېتىر. نوپۇسى 52 مىليون. بۇ ئەلدە بېرما، كېلۇن قاتارلىق تىلى ئەڭ يېقىن مىللەتلەر ئومۇمى نوپۇسنىڭ %65 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ھازىر بېرمىدا 135 مىللەت بار دەپ ئېيتىلىۋاتىدۇ. 1994 ‏- يىلىدىكى ستاتىستىكىدا 570 مىڭ خىتاي مۇھاجىرلىرى بار دېيىلگەن ئىدى. ھازىر خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈننەن ئارقىلىق ساختا كىملىك بىلەن بېرمىغا ئېقىپ كىرگەن. ھازىرقى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى 1962 ‏- يىلىدىن باشلاپ ھوقۇق تۇتۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللانغان ئۇسۇلنى بېرمىدىمۇ قوللانغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مارتىن ۋالكېرنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرمىدا ئۆتكەن ئايدا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەن ئىدى. بۇددىزم دۆلىتى بولغان بۇ دۆلەتتە راھىپ ۋە راھىبەلەرمۇ ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى رىئاللىققا كۆز يۇمماي، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللىغان.

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بېرمىدىكى سىتتېۋ قاتارلىق شەھەرگە مەبلەغ سېلىپ نېفىت قېزىۋاتقىلى خېلى كۆپ يىللار بولۇپ قالدى. ئەمما خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى بېرمىدىن ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلمىغان. خىتايلار بېرمىدىن قېزىۋالغان نېفىتنى ئۆزلىرى ياسىغان تۆمۈر يول بىلەن بىۋاستە خىتايغا توشۇپ كەتمەكتە. ھازىر نېفىت چىقىۋاتقان بېرمىدا يېقىلغۇ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەچكە، يەرلىك خەلق بۇنىڭغا نارازى بولغان. بۇ نارازىلىقنى بۇددا راھىپلىرىمۇ قوللاپ چىققان. گەرچە ھازىر بېرما ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرى 'خەلق راھىپلارغا سەدىقە بەرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن راھىپلار نامايىش قىلىۋاتىدۇ' دەۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بېرما راھىپلىرى نامايىش قىلغاندا ئەركىنلىك-دېموكراتىيە مارشىنى ئوقۇپ ماڭماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.