بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرسا، نېمە ئۈچۈن دۇنيا خىتاينى ئەيىبلەيدۇ؟


2007.09.28

Burma-YaponMuxbir-200.jpg
بېرما سالداتلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ياپونىيە مۇخبىرى. AFP Photo

بېرما ۋەزىيىتى ھازىر تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىگىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بېرمىدا قۇرۇق قول، يالاڭ ئاياق نامايىش قىلغان خەلقنى قانلىق باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلەتكەندىن كېيىن، 27 ‏- سېنتەبىر كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بېرما مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىلغان ئىدى. رۇسىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ب د ت يىغىنىدا كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، بېرما مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق قارار ئېلىنمىغان. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتلەر ھازىر ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللانماقتا.

بېرمىدا قانلىق باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 ‏- سېنتەبىر كۈنى رانگۇندىن خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە راھىپلار نامايىشىنى قوراللىق باستۇرۇپ ئاز دېگەندە 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى. كۆپ ئادەمنى زەخمىلەندۈردى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرمىدا، خەلقنىڭ نامايىشتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق يېزىپ ياكى سىنغا ئېلىپ يوللاپ تۇرغانلىقى، پۈتۈن دۇنياغا بېرما خەلقنىڭ دەردىنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنداقلا يەنە بېرمىدىكى بەش چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەمدى ئوقۇغۇچىلار 'توز' نۇسخىلىق ئەركىن بېرما بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، 'بېرمىغا ئازادلىق' دەپ شۇئار توۋلاپ كوچىغا چىقتى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بېرمىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياپونىيە مۇخبىرى دېلوسىنى تەكشۈرىدۇ

ياپونىيىدە چىقىدىغان 'كيوتو خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىلىك ژۇرنالىست، ۋىدىئو مۇخبىرى كېنجى ناگاي رانگۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەركىنلىك نامايىشىنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ياپونىيىنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ياسۇئو فۇكۇدا بۇ دېلونى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1950 ‏- يىلى بېرما بىلەن دېپلوماتىيە ئورناتقاندىن بۇيان، بېرما ھۆكۈمىتىگە كۆپ مىقداردا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرغاندىن باشقا، بېرمىدا يەنە ناھايىتى كۆپ ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى.

يەر شارىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان بىر چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ 26 شىركىتى بېرمىدا 62 چوڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان. تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ ئېيتقاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى مولوككا تاقىم ئاراللىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بېرمىنىڭ ھىندى ئوكيان قىرغاقلىرىدىن بىۋاستە خىتايغا ئەكىلىش ئۈچۈن، يۈننەن ئۆلكىسىدىن بېرمىنىڭ ھىندى ئوكيان قىرغاقلىرىغا تۇتىشىدىغان 2380 كىلومېتىرلىق بىر نېفىت ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياساپ چىققان. بۇ جەرياندا بېرمىغا ئېقىپ بارغان خىتاي نوپۇسى بىر نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ كەتكەن. ب پ نېفىت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بېرمىنىڭ ئۆزىدىمۇ خىتاي پايدىلىنالايدىغان تەبىئىي گاز زاپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى رەڭدار ئىنقىلابلارنىڭ بېرمىدا باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

بېرمىدا 40 يىلدىن بۇيان ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭ خەلقنى باستۇرۇش كۈچى كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقى، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى ناچارلىشىۋاتقانلىقى، 1980 ‏- يىللاردىن باشلاپ بېرمىدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كەينى -كەينىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ۋەھشى ھۆكۈمەتكە قارشى قورالسىز ئىنقىلاپ قىلىپ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئاڭسام سۇچى خانىمنىڭمۇ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نەزەربەنتكە ئېلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا بېرمىدا خاتىمە بېرىلمىگەنلىكى، دۇنيادا ئاللىقاچان شەكىللەنگەن ئورتاق چۈشەنچە بۇيىچە ئېيتقاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شۇڭلاشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەتتا بېرمىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەققانىيەتسىزلىككە چىدىمىغان بۇددا راھىپلىرىمۇ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىپ، قوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا تۇتاشقان بۇ 'ئوت' تا ئۆزىمۇ كۆيۈپ كېتىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارارى ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بېرما ۋەقەسى ھەققىدە 'باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايمىز' ، 'ھەر ئىككى تەرەپ سەۋرى قىلىش' دەپ تەكىتلەش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭغا دۇنيا ئارىلىشىشقا باشلىغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن يەنە بىر قېتىم پايدىلاندى.

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىچە ئاخىرلاشمىغان رەڭدار ئىنقىلابلارنىڭ ھازىر بېرمىدا باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا قاراتقان يېڭى تەدبىرى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 ‏- سېنتەبىر كۈنى بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ 14 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ۋە بۇ ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ھەر قانداق كىشىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىشنى قارار قىلدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.