د ئۇ ق شىۋىتسارىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خىتاي بېسىمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا جەنۋەدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشتىن كەيىن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەمرالىرى بىلەن مەيداندىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەندە، شىۋىتسارىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كىملىك كېنىشكىسىنى تەكشۈرگەن. ئارقىدىن ئۇنى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق.