گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك


2008.03.17

بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن تىبەتتىكى نامايىشتا قان تۆكۈلۈش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئارقا ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىپلىمەكتە. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايەر ئەپەندىمۇ 14 - فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، "زوراۋانلىق - مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس" دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلىكلەرگە قارىتىلغان بارلىق زورلۇق ۋاستىلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. دالاي لامانىڭ يۈزمىڭلىغان مۇرىتى ياشاۋاتقان گېرمانىيىدە، تىبەتتىكى نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىشى قاتتىق نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللاردا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتسىز قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغان خەۋەر ۋە ماقالىلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنماقتا.

ئولىمپىككە قارشى ھەرىكەت

سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسى كۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەكسىچە، بۇ تەھدىت بۈگۈن ئالدى بىلەن تىبەتتە باشلاندى. ئۇيغۇر دىيارىدا قاچان باشلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بىر ھەپتە ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ ئايرۇپىلان بۇلاش ۋەقەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەت دەپ ئاتىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلىدى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچىلارنىڭ كاتتىۋېشى قىلىپ كۆرسەتتى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى ھەر قانداق بىر ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا جامائىتى خىتاينىڭ بۇ سۈيىقەستىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرى كۆپ

گېرمانىيىدە نەشىردىن چىقىدىغان "دۇنيا" گېزىتى تور بېتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تىبەتتىكى نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى تۈپەيلى، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بايقۇت قىلىش توغرىسىدا قايتىدىن ئومۇمى راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان.

„گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكمۇ؟" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشقا مىڭلىغان كىشىلەر ئاۋاز قاتناشتۇرغان. گەرچە تىبەتلىكلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لاما بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى بولمىسىمۇ. لېكىن تىبەت ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان قانات يايدۇرۇپ كەلدى. گېرمانىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن ئىبارەت چوڭ پارتىيىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى.

ئۇلار خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرى دەرىجىگە چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا جامائىتى ۋە دۆلەتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گېرمانىيىدە ئۆلكە باشلىقلىرى ئارىسىدىمۇ دالاي لاماغا مۇرۇت بولغانلار كۆپ. دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان، پۈتكۈل خەلق`ئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي بىر ئاخبارات تېمىسى سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان تىبەتتىكى قانلىق ۋەقەنىڭ تېخى ئاخىرى چىقمىغان بىر دەۋىردە يولغا قويۇلغان بۇ راي سىناش پائالىيىتى، بولۇپمۇ دالاي لامانىڭ مۇرىتلىرىنىڭ سانى ئالاھىدە كۆپ بولغان گېرمانىيىدە ھۆكۈمەت ئۈچۈن بېسىم پەيدا قىلىشى ئېنىق ئىدى.

راي سىناش نەتىجىسى

راي سىناش نەتىجىسى "گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكمۇ؟" دېگەن تېمىدىكى راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %41 كىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تەرەپدارى بولغان. ئۇلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشى ۋە قاراپ تۇرۇشىنى يوللۇق ئەمەس، دەپ ھېسابلىغان. يەنە %15 كىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىغا قوشۇلغان.

لېكىن بۇ ھەرىكەتنى گېرمانىيە ئۆزى يالغۇز ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. %20 كىشى بولسا تىبەت مەسىلىسىگە ئولىمپىك مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. يەنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئولىمپىكنى بىر گەۋدە قىلىۋالماسلىقنى تەكىتلىگەن. %23 كىشى بايقۇت قىلماسلىق تەرەپدارى بولغان. دېمەك، ھازىرغىچە بولغان راي سىناشتا بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ نىسبىتى %56 تىن ئاشقان بولۇپ، ئاران %23 كىشى رەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر تىبەتتە باشلانغان بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتكۈل خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. خىتاينىڭ تىبەتتىكى قاتتىق قول باستۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان نارازىلىقلارنىڭ خەلقئارادا خىتايغا قارشى ئۈنۈملۈك بىر ئومۇمى تەدبىرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەم ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.