بىلەي تاشقا ئايلىنىپ قالغان ئۆلىمالىرىمىز

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى شۇ مىللەتنىڭ پەخرى ۋە باش تاجىسىدۇر. دۇنيادا ئىنسانلار ھەر قانداق نەرسىسىدىنمۇ ئالىم - ئۆلىمالىرىنى بەكرەك قەدىرلەيدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ،ئۇلاردىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد خاتىرىلەيدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-03-03
Share

چۈنكى ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئىنسانى جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ھەر قانچە ئېغىر، مۈشكۈل ۋە بەدەل تەلەب قىلىدىغان بولسىمۇ، ئۆزى ئۈچۈن شەرەپ بىلىپ، تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئالىم - ئۆلىمالىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ " ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر" دېگەن سۆزىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېردىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەككىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن بولىۋاتقان ئابدۇئەزىز ئەپەندى بۇھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ئالىم - ئۆلىمالار خەلقنىڭ نۇرلۇق چىراقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى يۇرۇتۇپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە :" سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائەت بولسۇنكى، ئەنە شۇنداقلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ئالىم - ئۆلىمالار قۇرئان كەرىم ئىشارەت قىلغان ئەنە شۇ جامائەتتۇر. ئۇلارنىڭ يۈكى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە توغرا يولدا داۋام قىلىشى ياكى خۇراپاتلارغا چۆكۈپ كېتىپ، توغرا يولدىن ئادىشىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولغۇچىلار ئەنە شۇ ئۆلىمالاردۇر. شۇڭا " ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى" دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئەلۋەتتە ئۆز ۋەزىپىسىنى تونۇغان، مىللەتنى توغرا ئىشلارغا ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى قوغداشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقىي ئۆلىمالارغا قارىتىلغان سۆز بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تولۇپ تاشقان جان باقار موللىلار بۇ شەرەپكە نائىل بولالمايدۇ. ھەقىقىي ئۆلىمالار ئاغزىدا دېگەنلىرىنى ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى يېتەكلىيەلەيدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرغان ئادەم ئاۋۋال ئۇنى ئازى ئورۇندىشى، باشقىلارنى يامان ئىشلارنى قىلىشتىن توسقان ئادەم ئاۋۋال يامان ئىشتىن ئۆزى قول ئۈزۈشى شەرت. شۇنداق قىلغانلارنىڭ تەربىيىسى ئۆنۈملۈك، سۆزى ئېتىبارلىق ۋە ئۆزى ئابرويلۇق بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا بەش ۋاخ نامازنى پەرز قىلغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىپ:" ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئورۇنداشتا چىداملىق بول" دېگەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جان باقار موللىلار

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپ ساندىكى جان باقار موللىلارنىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىما سۈپىتىگە كىرىۋالغان كۆپ ساندىكى جان باقالار بىلگەن ئاز - تولا بىلىمىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا سەرپ قىلىپ، بىلگەنلىرىنى باشقىلاردىن ماددىي نەرسە ئۈندۈرىۋېلىشنىڭ ياخشى بىر ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان. ئۇلار خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاللا ئۈستىگە يۈكلىگەن بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشقان ھالال نىيەتلىك ھەقىقىي ياخشى ئۆلىمالارغا كۆرەلمەسلىك قىلىپ ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك يالغان - ياۋۇداق مەلۇماتلىرى بىلەن خوجايىنلىرىغا چېقىپ، ياخشىلارنىڭ يولىنى توسۇش رولىنى ئوينىماقتا. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ياشلار ئارىسىدا زەھەر چېكىش، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇش كەيپىيىتى شۇنچە ئېغىر دەرىجىدە ئەۋجىگە چىققان تۇرسىمۇ، موللا ئاتالغان جان باقارلارنىڭ ئۇلار بىلەن كارى يوق، ئۇلار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى گۈزەل ئەخلاقلارغا، ياخشى ئىشلارغا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى ئونۇتقان. تەبىيئىكى، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىش، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەز - تەبلىغ بىلەنلا بولمايدۇ. بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ۋە قولىدىن كەلگەن پۈتۈن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش بىلەن بولىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ جان باقارلار سۆزلىگەنلىرىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز - تەبلىغلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجىسى بولمايۋاتىدۇ."

دېمەك، " موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما" دېگەن سۆزمۇ شۇنداقلارنىڭ سەۋەبىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار پىچاقنى ئىتتىكلىتىدىغان ئەمما ئۆزى كەسمەيدىغان بىلەيتاش بولۇپ قالغان.  

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت