خىتاي بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن پارتكومى ۋە بىڭتۇەن ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئېچىپ چېگىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش نەزىريىسى تەتقىقات مەركىزى يىغىن ئېچىپ بىڭتۇەننىڭ "ئۈچ چوڭ رولى" نى تېخىمۇ كەڭ جارى قىلدۇرۇش، "ئۈچ خىل مۇناسىۋەت" نى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

يىغىندا، دۇنيا نۇقتىسىدا تۇرۇپ جۇڭگونى كۆزىتىش، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن شىنجاڭنى كۆزىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىدا تۇرۇپ بىڭتۇئەننى كۆزىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان ۋە "ئۈچ چوڭ رول" نى جارى قىلدۇرۇشتا بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئېنىق تونۇش، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى، ئازاب - ئوقۇبەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن يەنە ، بىڭتۇەننىڭ ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلەيدۇ؟

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز جۈمە يۇقىرىدىكى تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىز.