"خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى"
2005.11.21
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى كۋېنتىن ساممېرۋىل ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان "خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى" ناملىق ماقالىسىنى ئۆزىنىڭ بىر نەچچە "بىڭتۇەن" خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن باشلىغان بولۇپ، ئۇ بەي فامىلىلىك بىر بىڭتۇەن خادىمىنىڭ "بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىرىنچى چوڭ ۋەزىپىمىز، بۇ زېمىننى ساقلاش ۋە چېگرا قوغداش. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېچىش ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ" دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدە ھازىر 2 يېرىم مىليون قوراللىق ئەسكەرنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، " ئۇلار شىنجاڭنى زادى نېمىدىن قوغدىماقچى؟" دېگەن سۇئالنى قويغان. بەي فامىلىلىك بۇ كىشى مۇخبىرنىڭ بۇ سۇئالىغا، "بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە تەھدىت بولغان ھەر قانداقلىكى نەرسىگە قارشى تۇرىمىز. مەيلى بۇ تەھدىت قەيەردىن كەلسۇن. بىز مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "بىڭتۇەن" تۇرغۇزۇشنىڭ، بۇ رايونغا بولغان باستۇرمىچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ب ب س مۇخبىرى ساممېرۋىل ماقالىسىدە يەنە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ياخشى خىزمەتلەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى يېزىپ، ھەتتا "بىڭتۇەن" كېۋەزلىكلىرىدىمۇ باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلار ئىشلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت تېپىشىمۇ تەسكە چۈشكەنلىكىنى يازغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، "بىڭتۇەن" دىكى بىر قىسىم خىتايلار كوممۇنىستپەرەس خادىملار بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن مەركەزنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى بۇ شارائىتقىمۇ رازى بولماي يەنىلا خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە كېتىشنى خالايدىكەن.
مەزكۇر ماقالىدا يەنە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىننىڭ قاراشلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نىكولاس بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي كۆز قارىشىغا ئوخشىمايدىغان ھەر قانداق پىكىرلەرنى قويغان كىشىلەر ياكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۆھپىسىنى مەدھىيلىگۈچىلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھاللا "بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ "بىڭتۇەن" ۋە خىتاي ئاققۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈش مەسىلىلىرىگە ئائىت پروگراممىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ مەسىلىگە خەلقئارانىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (1)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (2)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (3)
- كادىر ئالماشتۇرۇشتىن كىم مەنپەئەتلىنىۋاتىدۇ؟ (2)
- لەنجۇ – قەشقەر تۆمۈر يولى قەشقەر خەلقىگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟