ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنى "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىردى


2005.09.28

ئامېرىكىدىكى مىراس فوندى جەمىيىتى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، "تەيۋەن بوغۇزىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش: 'بىر جۇڭگو' سىياسىتىدىن باشقا، رىئاللىققا ماس كېلىدىغان بىرەر تاللاش يولى بارمۇ؟" دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستىۋ شابوت (Steve Chabot) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا كەلگەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ۋاشىنگتوندا قوبۇل قىلالماسلىقىنىڭ، بىر نومۇس ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، " تەيۋەن چوقۇم ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك، ئەگەر ئۇ ئاجىز بولسا، تەھدىتكە ئۇچرايدۇ ھەمدە بوزەك بولىدۇ" دېدى.

"بىر جوڭگو" سىياسىتىنى بىكار قىلىش كۆپنىڭ رايى

ستىۋ شابوت يەنە تەيۋەن پارلامېنتىنى تېزدىن قورال سېتىۋېلىش قارارىنى چىقىرىپ، ئامېرىكىدىن قورال-ياراق سېتىۋېلىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى :

ئالدى بىلەن بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگوئ سىياسىتىدە يېتەرسىزلىكلەر بار. مەيلى ئوچۇق شەكىلدە بولسۇن ياكى يېپىق مەخپىي ھالەتتە بولسۇن، ئۇنى قايتا باھالاش كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

"مەن سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ قورال سېتىۋېلىش قارارىنى ماقۇللىيالمىغىنىغا تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. مەن خەلق سايلاپ چىققان بۇ تەيۋەن ئەمەلدارلىرىنى بۇ ھەقتە تېزدىن بىر قارارغا كېلىشكە ئۈندەيمەن. مەن ئوچۇقلا ئېيتاي، ئەگەر بۇ قارار يېقىن كەلگۈسىدە ماقۇللانمىسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەيۋەن سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشى مۇمكىن".

ئوخايو شىتاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت ئەزاسى ستىۋ شابوت يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر جۇڭگو" سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىش قارىشىنىڭ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەيۋەن بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ياقلايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەمدە ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭمۇ رايى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان

مىراس فوندى جەمىيىتىدىكى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان مايك پىلسبېرى(Mike Pillsbury)، يىغىندىكى مۇھىم ئەرباپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ غوللۇق ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چىقارغان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى ئىكەن.

مايك پىلسبېرى مەزكۇر يىغىندا، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى قايتا باھالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار، تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇچۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىغان بىر يۈرۈش ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ :

"دەسلەپ باشلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ھەر ئىككىلىسى مانترېي سۆھبىتىنى ئىنكار قىلدى. ئۇنداقتا مانترېي يىغىنىغا كىملەر قاتناشتى؟ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى قاتناشتى. ئۇلار كىملەر بىلەن سۆھبەتلەشتى؟ ئەلۋەتتە تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇلار نېمىلەرنى پاراڭلاشتى؟ بۇ مەخپىي. دېمەك، بۇ خىلدىكى سۆھبەت 1997 - يىلدىن بۇيان 9 قېتىم ئېلىپ بېرىلدى".

ئامېرىكا "بىر جوڭگو " سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كېرەك

يىغىنغا قاتناشقان مىراس فوندى جەمىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جون تاسىك (John Tkasik) ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى 3 نۇقتىغا ئايرىپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى :

" ئالدى بىلەن بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگوئ سىياسىتىدە يېتەرسىزلىكلەر بار. مەيلى ئوچۇق شەكىلدە بولسۇن ياكى يېپىق مەخپىي ھالەتتە بولسۇن، ئۇنى قايتا باھالاش كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، بىز يەنە شۇنى ھېس قىلىپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. مەيلى ئىقتىسادتىن تارتىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگىچە بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەممىلا ساھەدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتىدە توقۇنۇش مۇقەررەر مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا خىتاينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىنىڭ يۆنۈلۈشىنىمۇ قايتا باھالاپ چىقىشى كېرەك".

جون تاسىك سۆزىدە يەنە، تيەنەنمېن ۋەقەسىدىن بۇرۇن، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھات قەدىمى ئوخشاش قەدەمدە بېسىلغان بولسا، تيەنەنمېن ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ئالدىغا تەرەققىي قىلىپ مېڭىپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئەكسىچە كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مىراس فوندى جەمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىگە تۇتقان سىياسىتىگە قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كونكرېت چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئارىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ زىيارىتىنى ھۆكۈمەت نامى بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقارالىق تەشكىلاتلارغا كىرىشىنى قوللاش قاتارلىق تەلەپلەرمۇ بار.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ "بىر جۇڭگو"سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ. خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد بۇ يىل 11 -ئايدا خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سەپىرىگە ھەر ئىككىلا تەرەپ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.