0:00 / 0:00
شۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائاتچىلىكىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى تەشكىلات بولۇپ، بۇ ئىككى تەشكىلات ئۆز كۈچىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىش قارارىغا كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ پىكىرىنى يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.