قىرغىزىستان ساقچىلىرى تەشكىلاتچى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى


2007.07.30

ManasAirBase-200.jpg
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى، بىشكەكتە، كوممۇنىستلارنىڭ بۇ سۈرەتتىكى نامايىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى. KYRGYZSTAN, MANAS : Kyrgyz Communist supporters demonstrate in front of a US military base in Manas, 07 July 2007. AFP PHOTO / VYACHESLAV OSELEDKO

قىرغىزىستان دائىرىلىرى 30‏- ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوللاپ، بېشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش تەشكىللىگەن، بېشكەك دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلامنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنى سىرتتىن تاقاش ئارقىلىق ئۇنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى نەزەربەنت قىلغان.

ئالدىمىزدىكى ئاۋغۇست ئېيىدا بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېغىنى ھارپىسىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇنداق بىر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن.

ئۇلار، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. بىز ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۇرسۇن ئىسلام بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرۋازىسىنى سىرتتىن تاقاپ نەزەربەنت قىلىپ قويغانلىقى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇخبىرىمىزغا ئۇچۇر بەردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.