قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

19- دېكابىر كۈنى بىشكەك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى ئاق مەسچىتىدە ھېيت نامىزى ئوقۇدى، شۇ كۈنى بىشكەكتىكى ئالاتاۋ مەيدانىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقىغان.

بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر قىرغىزىستاندا ياشلار ئىچىدە ناماز ئوقۇيدىغان، قۇربان ۋە روزا ھېيت نامازلىرىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە .نامازدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزارا ھېيتنى تەبرىكلەشتى ۋە بىر-بىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەم خاتىرجەملىك تىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.