0:00 / 0:00
يېقىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ ۋەكىللىك قىلسا ئاز ساندىكى بىر قىسىم تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
چىن گاڭ بۇ سۆزلەرنى رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى - بېيجىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا يۈز بەرگەن 7 - مارت ئايرۇپىلان ۋەقەسى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى پەيدا قىلغان "ئويدۇرما ۋەقە" بولۇشى مۇمكىن، دەپ بايانات بەرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئامىنە ھاجى ئابدۇللا قىزى چىن گاڭنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.