قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ياپوندىكى ئۇيغۇرلار

2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگە قەدەر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فرانسىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 60 قا يېقىن ۋەكىل قاتناشماقچى.
ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2010-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن قازاقىستان، ياپونىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىن ۋەكىللەر كېلىشكە باشلىدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايوف ئەپەندىمۇ قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رامازان ئەپەندىنى ھەمدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت