0:00 / 0:00
5 - مارت كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى بىشكەك شەھىرىدىكى دىيار ناملىق رېستۇراندا 8 - مارت ئاياللار بايرىمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مۇراسىم ئۆتكۈزدى. بۇنىڭغا بىشكەك، قارا بالتا ۋە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى. قىرغىزىستان ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق بىر توپ ئاقساقاللار ئاياللارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىلەر بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ مۇراسىم بولۇۋاتقان نەق مەيداندىن يوللىغان مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.